ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ(1)

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ(1)

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 772 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇيەردە......

مۆھتەرەم بوۋاي نەسىھىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ـ ئەگەر ئىنسان ئىلىم نۇرى بىلەن ئۆز يولىنى يورۇتمىسا، نادانلىق ۋە زۇلمەت كوچىسىدا قالىدۇ. كىشى قەلبىنىڭ نۇرى ئىلىم ۋە مەرىپەت بىلەن قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ قەدرى ئىلىم بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىلىمدىن ھازىرغىچە ھېچكىم زىيان كۆرگەن ئەمەس. ئىلىمنى ئىگىلەشنىڭ ئۆزى بىز سەنئەتتۇر. دۇنيادا قانداق ياۋۇزلۇقلار يۈز بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نادانلىق تۈپەيلى كېلىپ چىققان. ئەڭ زور ھالاكەت نادانلىق، ئىنسانىيلىقنى يوق قىلغۇچىمۇ نادانلىقتۇر. ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن خۇلقىنى ياخشىلىغان ئادەم ھەرقانداق يەردە ئىززەت تاپىدۇ، ئىلىم-ئايال ئۈچۈن زىننەت، ئەقلىنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئادەم نومۇس، ئىززەت، ئادىمىيلىك قەدرىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇنداق ئادەم ھېچقانداق ئىشتا ئاداشمايدۇ. ئىلىمسىز ئادەم بولسا بالا تەربىيەسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قويىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەر-نومۇس، ئىززەت، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق كەشىپ قىلىنىدۇ.


دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشىلەردىن مىراس قالىدۇ، مال-بايلىق بولسا ئاچ كۆزلەرنىڭ مىراسىدۇر؛ ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ مالدا كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشىلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ ئىلىم كىشىگە ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈرىدۇ. ئىلىم مەرتىۋىسى مەرتىۋىلەرنىڭ چوڭىدۇ، دېگەن سۆز شۈبھىسىز توغرا، قايسى يەردە ئىلىم-مەرىپەت كۈچلۈك بولسا، شۇ يەر بەخت ئۆيى ھېسابلىنىدۇ. قايسى يەردە نادانلىق ھۆكۈم سۈرسە، شۇ يەر شورتاڭ ياكى تاشلىق يەرگە ئوخشاشتۇر...



بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
ـــ ھەي جېنىم بالام، گۈزەل خۇلق بىرلىشىپ كەتكەن ئىلىم كىشىلەرنى بەخىتلىك قىلىدۇ ۋە مەرتىۋىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئىلىمدىن مەقسەت-گۈزەل ۋە ئەزگۈ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. ئىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگىنىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇقۇۋېلىش، جاھاندىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىش، ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنى توغرا چۈشىنىش، ئائىلىنىڭ پاراۋان ياشىشىنى توغرا ئۇيۇشتۇرۇش، قىسقىسى، ھەر تەرەپلىمە مۇكەممەل بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگىنىش زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن بىرىدۇر. ئىلىم ۋە ئەدەپ-پۈتمەس خەزىنە. كىمكى ئۇنىڭغا ئىگە بولسا، قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. پەزىلەتكە پەقەت ئىلىم شەرىپى بار ئادەم لايىق. بىلمىگەن ئەيىب ئەمەس، بىلمىگىنىنى بوينىغا ئالماسلىق ئەيىب. ئادەملەر سېنىڭدىن ئۆگەنمىسە، سەن ئادەملەردىن ئۆگەن. ئىلىم شۇنداق نەرسىكى، ھەممە كۈچ سەرپلەنمىسە قولغا كىرمەيدۇ. خەلقىمىزدە《ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ》دەيدىغان ھېكىمەت بار. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھەممىمىزگە ئىبرەت بولغۇدەك بىر ھېكايەت بار.
داۋامى بار.....

مەنبە: «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى