ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-10-19 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالدىنى ئېلىشتا، ياز پەسلىدىكى يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز ئاپىرىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىغا تاماقتىن بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغان ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرگۈزۈش. بالىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ۋە غىزالىنىش سايمانلىرىنى قەرەللىك دېزىنفىكسىيە قىلىپ تۇرۇش لازىم. بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، بالدۇر ئايرىۋېتىش. ئەگەر بۇ كېسەل بالىلار يەسلىسىدە تارقىلىشقا باشلىسا، كېسەل بالا بىلەن ساق بالىنى ئايرىۋېتىش، ئويۇنچۇقلارنى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ چىقىش كېرەك. 



   ئۇچقات، قىزىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، ئوسما يوپۇرمىقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلارنى سۇدا قاينىتىپ، چاي ئورنىدا3-5 كۈنگىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق بەدىنى ئاجىز، ئاسان ئىچى سۈرىدىغان بالىلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئېغىزىدا قاپارتقۇ، جاراھەت بار بولغان ئېغىزى پۇرايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن يۇقىرىقى ئۇسۇللاردىن باشقا يەنە، پىلىكئوت، پىننە، پىشۇرۇلمىغان ھاك، كەۋرەك، بامبۇك يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئىسسىقنى ھەيدەشكە بولىدۇ. ئىشتىھاسى ياخشى بولمىغان بالىلارغا نىسبەتەن پىلىكئوتقا ئارپا ئۈندۈرمىسى قوشۇپ ئىچۈرۈش ئارقىلىق ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا بولىدۇ. 
  ئەگەر بالىنىڭ قول-پۇتىدا قاپارتما كۆرۈلسە سىرتتىن يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ياۋا جۇخار گۈلى، ئەڭلىكئوت، ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقى، سېرىق بۇيا قاتارلىقلارنى قاينىتىپ  مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغچە سوۋۇتقاندىن كېيىن قول-پۇتنى چىلاپ بېرىش ئارقىلىق ھۆللۈكنى، ئىسسىقنى ھەيدەش، قاننى سوۋۇتۇش مەقسىتىگە يېتىشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى