ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى(تەۋسىيە)

مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى(تەۋسىيە)

ۋاقتى: 2015-09-21 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇقەددﯨمە
بالىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كۆرىدىغىنى ئۆي ۋە ئائﯩلىدۇر. يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندﯨن تارتىپ كۆزىگە چېلىققان ھەرقانداق نەرسە، بالىنىڭ زېھنىگە مەھكەم ئورناپ كېتىدۇ .ئۇنىڭ خاراكتېرﯨمۇ زېھنىدە قالغان نەرسىلەرگە قارىتا  شەكىللىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھەرقانداق نەرسە بالىغا تەسىر كۆرسەتكۈچ ئامىل بولىدۇ.


ئىمام غەزالى مۇنداق دەيدۇ:《بالا ئاتا-ئانىغا ئامانەتتۇر، ئۇ يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ قەلبى ھېچنىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، ساپ گۆھەرگە ئوخشايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆزىگە چېلىققان ياكى تەسىر قىلدۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىنى زېھنىدە قالدۇرىدۇ. مايىل قىلىنىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە دىلى مايىل بولىدۇ. نېمىگە ئۆگىتىلسە، شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ چوڭ بولىدۇ. ياخشىلىققا ئۆگىتىلسە، ياخشىلىق ئۈستىدە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، تەربىيەلىگۈچىسى، ئىلىم ئۈگەتكۈچىلىرى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ناۋادا ئۇ يامانلىق ئۈستىگە كۆتۈرۈلسە ياكى ئۇنىڭغا ھايۋانلار بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ چوڭ بولسا، ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە سەل قاراپ ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىلسە، نەتىجىدە ئۇ يامان تەبىئەتلىك ئادەم بولۇپ يېتىلىپ ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھى ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە مەسئۇل بولغان ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇڭا:" ھەربىر بالا ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىدۇ، يا خىرىستىيان قىلىدۇ ياكى ئاتەشپەرەس قىلىدۇ"دېگەن》
ئەبۇ يەئلا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:《بىزنىڭ ئۆسمۈرلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرى كۆندۈرگەن بويىچە چوڭ بولىدۇ. ئۇلاردىن ئەقىل كىرگەن ياشلارنى خىش-ئەقرىبالىرى دىندارلىققا كۆندۈرىدۇ.》
دېمەك، ئەۋلادلارنىڭ تەربىيەسىدە ئائىلە بۇ قەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، يۇقىرىدىكى غايىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ماھىيىتىدە دىن ۋە ئەخلاق روھىنى پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆددىگە ئېلىش ئائىلىگە ۋاجىپ بولىدۇ.
مەنبە: "ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى