ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىچىك بالىلاردىكى تولغاق كۆپيىشنىڭ 6 چوڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى

كىچىك بالىلاردىكى تولغاق كۆپيىشنىڭ 6 چوڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى

ۋاقتى: 2015-08-26 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياز كىرە-كىرمەيلا، بالىلار بۆلۈم ئامبۇلاتورىيىلىرىگە كەلگەن تولغاق بولۇپ قالغان كىچىك بالىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بۇ نېمە سەۋەبتىن؟ ئەسلىدە بۇ يېقىنقى يىللاردا يۈز بېرىۋاتقان بالىلار تولغاق كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 
1. كېسەللىك يۈز بېرىش يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تولغاقنىڭ بوۋاقلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى ئېشىپ بارماقتا، بۇنىڭ سەۋەبى بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكىنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بەزى بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ بېرىلىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە بالدۇر بولۇپ كېتىشى، تۈرلىرىنىڭ كۆپيىشى قاتارلىقلار. مەسىلەن، بەزى ئاتا-ئانىلار  ئەمدىلا بىر ئايدىن ئاشقان بالىلىرىغا تاۋۇز سۈيى، ئالما قىيامى قاتارلىقلارنى بېرىشكە باشلايدۇ، يەنە بەزى ئاتا ئانىلار بالىلىرىغا بېلىق گۆشى، راك، يۇمشاق گۆش قاتارلىقلارنى ناھايىتى بالدۇرلا يېگۈزىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر ساقلىنىش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئاسانلا باكتېرىيە تەرىپىدىن بۇلغىنىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ. 


2. كېسەللىك يۈز بېرىش پەسلى ياز ۋە كۈز پەسلى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ھازىر بىر يىلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا تولغاق بىمارلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەتتا قىش  پەسلىدىمۇ يۈز بېرىدىغان تولغاق ئاز ئەمەس، چۈنكى ھازىر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋە-چىۋە، بېلىق قاتارلىقلارنى يېگىلى بولغاچقا، قىشتا  تاۋۇز يەپ تولغاق بولۇپ قالغان بوۋاقلارمۇ ھازىر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. 
3. بوۋاقلاردىكى تولغاقنى ئادەتتىكى ئىچ سۈرۈش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش. ياش قانچە كىچىك بولغانسېرى كېسەللىك ئالامىتى شۇنچە تىپىك بولمايدۇ. دەسلىپىدە چوڭ تەرەت سۇدەك كېلىدۇ، قۇسۇش-ياندۇرۇشمۇ بىرگە يۈز بېرىدۇ، كېيىن چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، مىقدارى ئازىيىش، شىلىمسىمان چوڭ تەرەت قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، قايتا-قايتا كېسەل بولغان بوۋاقلاردا سوڭى چىقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر چوڭ تەرەتنى تەكشۈرمىگەندە ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇپ قويۇش، دىياگنوز كەم بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدىن بىر ئاز ئېلىپ ئىككى سائەت ئىچىدە  دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. 
4. ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك تولغاققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئادەتتە تولغاق ئىكككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە ئاستا خاراكېرلىك تولغاق دەپ ئاتىلىدۇ. ئاستا خاراكېرلىك تولغاق ئۇزۇن مەزگىللىك ئىچى سۈرۈش سەۋەبلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
5. ئاسانلا سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي دىۋارى بىر قەدەر نېپىز، بىراق قان تومۇرلار ناھايىتى مول، مۇبادا ئۈچەي يولىدا ياللۇغلىنىش كۆرۈلسە، ئاسانلا سۇسىزلىنىش، زەھەرنىڭ قانغا ئۆتۈپ كېتىشى، قىزىش، چۆچۈش، ئەس ھوشىنى يوقۇتۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك تولغاق كېلىپ چىقىپ ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، بوۋاقلاردىكى تولغاقنى بالدۇر داۋالىتىش كېرەك، سەل قاراشقا بولمايدۇ. 
6. بالىغا دورا يېگۈزۈش قىيىنغا توختىغان چاغدا يېتەرلىك بولغان داۋالاش باسقۇچىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان قورامىغا يەتكەنلەرگە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن سۇلفانىلامىد(磺胺类) تىپىدىكى دورىلار، مۇرەككەپ رىتسىپلىق شىنومىڭ(复方新诺明)، كاربوسترىل تىپىدىكى دورىلار، گالوپېر كىسلاتاسى(氟哌酸) ھەمدە ئامىنو شېكىرى گلىكوزىد(氨基糖甙类) تىپىدىكىلەرگېنتامىتسىن(庆大霉素)، كانامىتسىن(卡那霉素) قاتارلىق دورىلار كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئۈچىنچى ئەۋلاد سېرفالوسپورا، جۈنبىجې(菌必治) قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، بىراق ئادەتتە ۋېنا تومۇردىن ئۇرۇلىدىغان بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ قورقۇپ  رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى