ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار تۇرالايدىغان بولغاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى(1)

بوۋاقلار تۇرالايدىغان بولغاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى(1)

ۋاقتى: 2015-03-29 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈستەل ۋە داستىخان
بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت رايونىدا ئۈستەل بولسا،بوۋاقلار ئۈستەل يېنىدا ئۆرە تۇرغاندا داستىخاننى تارتىپ،ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،   ئەڭ ياخشىسى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان داستىخانلارنى قويماسلىق كېرەك.
توڭلاتقۇ
بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت رايونىغا ئامال بار توڭلاتقۇ قويماسلىق كېرەك.


بەزى بوۋاقلار مىدىراڭغۇ كېلىدۇ.توڭلاتقۇنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى ياكى ئىشىكنىڭ گىرۋەكلىرىنى تۇتۇۋالسىلا،توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتەلەيدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن توڭلاتقۇغا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ قويۇشى كېرەك.
شامالدۇرغۇچ
ئائىلىلەرگە ئامال بار بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان شامالدۇرغۇچ تاللاش،مەسىلەن: بوۋاقلار تېگىشى ھامان توختاپ قالىدىغان شامالدۇرغۇچلارنى تاللاش كېرەك.
ئەگەر ئادەتتىكى شامالدۇرغۇچ بولسا بوۋاقلارنىڭ قولىنىڭ شامالدۇرغۇچقا كىرىپ قېلىپ خەتەر كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئارىلىقى  زىچ بولغان مۇداپىئە تورى ئورنىتىپ قويۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى