ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلىمنىڭ خاسىيىتى(1)

ئىلىمنىڭ خاسىيىتى(1)

ۋاقتى: 2016-01-07 ئاۋاتلىقى: 665 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۆھتەرەم بوۋاي نەسىھىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ ئىلىم ئوقۇش، يېزىشنى ياخشى بىلىشكە، كېرەكلىك ھەربىر نەرسىنى ئۆگىنىشكە قارىتىلغان. ئىلىم دۇنيانىڭ ئىززىتى، كېيىنلىكىمىزنىڭ شاراپىتىدۇر. ئىلىملىك بولۇش ئىسان ئۈچۈن غايەت ئالىي ۋە مۇقەددەس بىر پەزىلەتتۇر. چۈنكى، ئىلىم بىزگە ئۆز ئەھۋالىمىزنى، ئىش-ئەمىلىمىزنى ئەينەككە ئوخشاش كۆرسىتىدۇ؛ زېھنىمىزنى، پىكىرىمىزنى قىلچقا ئوخشاش ئۆتكۈر قىلىدۇ؛ ياخشىنى ياماندىن، پاكىزىنى چىركىندىن ئايرىپ بېرىدۇ؛ بىزنى توغرا يولغا باشلاپ، بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ.

 ئىلىمسىز ئىنسان مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئىلىمسىز كىشىلەر ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، يار-دوستلىرىغا، خەلقىگە پايدا يەتكۈزۈش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىمۇ لايىقىدا ئادا قىلالمايدۇ. ئىلىمنىڭ پايدىسى شۇنچىلىك كۆپكى، تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئىلىم بىزنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتقۇزىدۇ، مەدەنىيەت، ئىنسانىيەت، مەرىپەت دۇنياسىغا چىقىرىدۇ، يامان پېئىللاردىن، بۇزۇق ئىشلاردىن قايتۇرىدۇ، ياخشى خۇلق ۋە ئەدەپ ئىگىسى قىلىدۇ، قىسقىسى، پۈتكۈل ھاياتىمىز، ھىممىتىمىز، غەيرىتىمىز، بۇ دۇنيالىقىمىز ئىلىمگە باغلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش، بىلىم ئېلىش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەي، ۋۇجۇدىمىشنىڭ دۈشمىنى بولغان جاھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچ-غەيرىتىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز لازىم. دانالار شۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: ئادەم ئۈچۈن مۇناسىپ ئىش شۇكى، ھېكىمەت ئۆگەنسۇن، دانالىق ئىلىمنى بىلسۇن ۋە ئۇنى يۈرىكىگە نەقىش قىلسۇن. ھېكىمەت ۋە پەزىلەتكە يېتىشكە قېرىلىق توسقۇن بۇلالمايدۇ. ھېكىمەت شۇنداق نەرسىكى، ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ ۋە كاسات بولمايدۇ. ھېكىمەتنى كىمكى دىلىغا ئورناتقان بولسا، باتۇرمۇ، كۈچتۈڭگۈرمۇ، پادىشاھمۇ، ھېچكىم ئۇنى تارتىۋالالمايدۇ. كىشى ئۆز نىيىتى بىلەن سۆزىنى مۇۋاپىق قىلسۇن ياكى تىلى باشقا، دىلى باشقا بولمىسۇن! بىلىملىك كىشىلەر مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ، مېۋىلىك دەرەخ مېۋىلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، بىلىملىك ئادەملەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىلىملىرى بىلەن كىشىلەر ئوزۇقلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم ئىگەللەشنى ياش ۋاقتىدىن باشلاش زۆرۈر.
بىلقۇتجان بوۋاينىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بىر-بىرىدىن ئېسىل دۇردانىلەرنى ئاڭلاپ ئېيىتقۇسىز ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى. ئۇ ئىلىم ھەققىدىكى سادا خىياللىرىدىن ئەمدى پۈتۈنلەي قۇتۇلغان ئىدى. ئىلىمگە ھېرىسمەن بولۇشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىكلىكى، ئىلىمدە كامالەت تېپىشنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بىلقۇتجان: ئىلىمنىڭ قىممىتىنى پۇل، مال-دۇنيا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىكەن. دېمەك، ئىلىم بايلىق نۇقتىسىدىن بىباھا بايلىق ئىكەن، قىممەت جەھەتتىن جاھاندا ئۇنىڭ ۋەزىنىگە تەڭ كېلىدىغان قىممەتلىك نەرسە تېپىلمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئادەم پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە ئىلىمدىن مەنپەئەتلىنىشى كېرەك ئىكەن، دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ بوۋىسىدىن ئىلىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك نەسىھەت ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدى.
بوۋىسى ئۇنى بۇ ئىلتىماسىغا يارىشا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

داۋامى بار.......
مەنبە: "ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنت تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى