ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشىدە دوختۇردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار

بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشىدە دوختۇردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 1008 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قايسى ئىشلارغا نىسبەتەن چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك؟
دوختۇردىن مەسلىھەت ئالىدىغان ۋە مۇزاكىرىلىشىدىغان ئىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ يېزىۋېلىڭ، بۇنداق قىلغاندا مەلۇم بىر مۇھىم تۈرنىڭ چۈشۈپ قېلىپ سورالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  ئەڭ ياخشىسى قەغەز قەلەم ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇڭ، تېخىمۇ ياخشى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئۈنگە ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. سوراشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن: بالامنىڭ يېتىلىشى نورمالمىكەن؟ ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق يېتىلىش مەزگىلىدە مەن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلغاندا بالامنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمەن؟. ..قاتارلىقلار.
سورىغىلى بولمىغۇدەك مەسىلە يوق


سىزنىڭ دوختۇر بىلەن سۆزلىشىش ۋاقتىڭىز ناھايىتى چەكلىك، شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز لازىم. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ مەلۇم بىر تەرەپتە نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ياكى مەلۇم بىر بالىلار ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئاڭلىغان بىراق بالىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز دوختۇردىن سورىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سوئالنى بەك كۆپ سوراپ كەتسەم دوختۇرغا بەك بىلىمسىزدەك تەسىر بېرىپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، ھەقىقەتەنمۇ ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن بولىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى