ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-03-18 ئاۋاتلىقى: 579 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  كانايغا غەلىتە نەرسىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھادىسە بولۇپ 7 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئايىغى چىققان كىچىك بالىلاردا يۈز بەرگەندە ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. كانايدا ئاسان تۇرۇپ قالىدىغان نەرسىلەر: ئويۇنچۇقلارنىڭ پارچىسى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مېۋە ئۇرۇقى، تەڭگە قاتارلىقلار. كىچىك بالىلارنىڭ  كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچ  تۇتاشقان ئورۇندىكى «كېكىردەك قاپقاق كلاپانى» تېخى يېتىلمىگەن، ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بالىلار ئاغزىغا بىر نەرسە سېلىپ گەپ قىلغان ياكى يىغلىغان ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلغان چاغدا ئاسانلا ئاغزىغا سېلىۋالغان نەرسىنىڭ كانايغا كېرىپ كېتىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق يۆتىلىش، ئاۋازى خىرىلداش، نەپەس ئېلىشى قىيىنغا توختاش، رېفلېكس خاراكتېرلىك ياندۇرۇش، ئەگەر كاناينى توسۇۋالغان نەرسە بىر قەدەر چوڭ بولسا بالىنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كېتىش، تۇنجۇقۇپ قېلىش سەۋەبىدىن نەپەس توختاپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك،بۇ ۋاقىتتا ۋاقىت دېمەك ھاياتلىق دېمەكتۇر.


1. دۈمبىگە ئۇرۇش ئۇسۇلى: كانىيىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغان بالىنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ تىزىغا دۈم ياتقۇزۇپ بېشىنى تۆۋەن قىلىش، كۆكرەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ دۈمبىگە 3-4 قېتىمغىچە ئۇرۇش، تاكى بالا يۇتۇۋالغان نەرسىنى ياندۇرۇپ چىقارغانغا قەدەر قايتىلاش، بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىپ دۈمبىگە ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.
2. سىلكىش ئۇسۇلى: قۇتقۇزغۇچى بالىنىڭ بېلىدىن قولتۇقلاپ، ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن بالىنىڭ قورسىقىنى مۇجۇش ۋە بالىنى رىتىملىق سىلكىپ ھاسىل بولغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ سوقۇش كۈچى ئارقىلىق كانايچىدىكى نەرسىنى چىقىرىپ تاشلاشقا بولىدۇ.



3. ياندۇرغۇزۇش ئۇسۇلى: قۇتقۇزغۇچى قولىنى بالىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ كىرگۈزۈپ تىل تۈۋىنى غىدىقلاش ئارقىلىق بالىنى قۇستۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل بوغۇز ئەتراپىدىكى تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشتا بىر قەدەر ئۈنۈملۈك. بۇ ئۇسۇللارمۇ كار كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بالىنى تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر بالىنىڭ يۈرەك سوقۇش ياكى نەپەس ئېلىشى توختاپ قالغان بولسا دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، يۈرەكنى سوقۇشنى قوزغىتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بالىغا كىچىكىدىن تارتىپلا ئاغزىغا قالايمىقان بىر نەرسە سېلىۋالمايدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش، بالا تاماق يەۋاتقان چاغدا بالىنى كۈلدۈرمەسلىك، يىغلاتماسلىق. بالىنىڭ ئاسان يۇتۇۋېلىشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئالالمايدىغان بىخەتەر ئورۇنغا قويۇش، بالىنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى