ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كاۋا شەربىتى

كاۋا شەربىتى

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: كاۋادىن 100 گرام، ئازراق شېكەر ياكى تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. كاۋانىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئېتىنى كىچىك كۇب شەكىلدە توغراپ، سۇدا پۇشۇرىمىز.
2. پىشقان كاۋىنى قوشۇق بىلەن ئېزىمىز.
3. ئېزىلگەن كاۋىنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ، تۇز ياكى ئازراق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. ئاخىرىدا كىچىك سۈزگۈچ چويلا بىلەن سۈزىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مول مىقداردا β-كاروتىن، ۋېتامىن E، ۋېتامىن C، مېۋە يېلىمى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار شۇنداقلا سېنىك، ماگنىي، كوبالت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆۈر بولغان كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنىتلار بار. ئۈچەينى سىلىقلاپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بوۋىقىڭىزغا بىرقەدەر باب كېلىدىغان ياخشى قوشۇمچە يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى