بالىلاردىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىش يوللىرى
يانفوندا كۆرۈش
1. قاندىن يۇقۇش: قان ئارقىلىق يۇقۇش بولسا بۇ خىل كېسەلنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىلىش شەكلى، مەسىلەن، قان بېرىش ۋە قان سېلىش جەريانىدا يۇقۇملىنىش.
2. داۋالىنىش جەريانىدا يۇقۇملىنىش: يەنى داۋالىنىش جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىش، نۆۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى، مىكرو مىقداردا ئوكۇل قىلىش ياكى ئەملەش جەريانىدىكى يۇقۇملىنىش. شۇڭلاشقا ئوكۇل قىلىش، ئەملەش، ۋە بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش(بۇ كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇش يولى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بىزدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرى) قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن ئەسۋاپ ماشىنىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش: جىددى خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگىنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئانا بۇ كېسەلنى يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بولۇپمۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئانا ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
4. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش: B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش يولى بولسا ئۆزىنىڭ جۆرىسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش، بۇ خىل يۇقۇملىنىش ئۇسۇلى ئەرـئاياللار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدۇ.
5. ھاشارەت چېقىۋېلىشتىن يۇقۇملىنىش: پاشا ۋە باشقا قان شورىغۇچى ھاشارەتلەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىدا بەلگىلىك تارقىتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. پاشىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېقىشىدىن پەيدا بولغان تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىلەنگەن ئورنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باكتېرىيەسى تەرىپىدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن‹پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن تاتلاپ قاشلاش›.