ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چىلان شەربىتى

چىلان شەربىتى

ۋاقتى: 2016-05-21 ئاۋاتلىقى: 582 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: تۆت ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: يېڭى چىلاندىن 20 تال، بىر تال ئالما
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. چىلان بىلەن ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، قايناقسۇدا بىردەم قىزدۇرۇپ تەييارلايمىز.
2. چىلاننى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا ئېزىلگۈچە قاينىتىمىز.
3. ئالمىنى ئىككى پارچە قىلىپ، قوشۇق بىلەن ئېتىنى لايسىمان ھالەتتە قىرىپ ئالىمىز.


4. قىرىپ ئېلىنغان ئالمىنى قازانغا سېلىپ بىردەم قاينىتىمىز، ئاندىن سۈزۈۋېتىپ بوۋاققا ئىچكۈزسەك بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: چىلاننىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى، مىنېرال ماددا قاتارلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدىغان يادرو كىسلاتاسى ۋە سىنىك بار، بۇلارنىڭ بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە زور ياردىمى بار. بوۋاقلىق مەزگىلى چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزگىلى بولۇپ، چىلان شەربىتى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى پايدىسى بار.
 دىققەت: كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىلغان چىلان شەربىتىنى بوۋاققا كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى