ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلارنىڭ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلارنىڭ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ

ۋاقتى: 2015-05-22 ئاۋاتلىقى: 1185 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەختەم ئۆمەر

 


ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار تۇغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن، قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى- ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ چىقتى. بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن. قىسقىسى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىن پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھىي ئەڭ ئاز چىقتى. قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار تۇغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ تۇغدى. ھاراقكەش، بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، قىمارۋاز، ساراڭ، غالچا، ﺧﯘﻣﺴﻰ، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەممال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق تۇغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن لىق قاپلاندى.


ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر، قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھىي، پەيلاسوپ دېگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئاز تۇغدى. بۇ يەردە ئۇرۇق ياخشى بولۇپ يەر ناچار بولسىمۇ، بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق. يەر ياخشى بولۇپ ئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ، يەنە شۇ بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، يەرمۇ ناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش سۈپەتسىز، ئەخلەتسىمان ئادەملەر تۇغۇلۇپ، خارۇ- زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز.



دادىمىز ھاراقكەشلىك، بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈۋېدى، بىز خۇددى شۇلار بولۇپ يېتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېتىلدۈرىدىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ، ئايروپىلاندا ئۇچساقمۇ، سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كىيىم ئۆزگەرگەن بىلەن، كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامېرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇل ھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ، يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز. يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇ ياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ تۇغالىساق، قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساق تېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ، شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز، قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرىۋاتقان يەر قانداق يەر؟ ياخشى يەر. ئەمما ئۆزىمىز ياخشى ئادەملەر بولمىغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز، ياخشى بولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئازاب- ئوقۇبەتلىك بولۇۋاتقان تۇپراقتا، يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي، تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشاۋاتمامدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەن يېرىمۇ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.



مانا بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش نۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كىرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارىلىقىدىكى پاجىئەيىمىز. بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش مىنۇتىدا باشلانغان خاتالىقىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىز بىزنى تۇغقان ئانىلار مەسىلىسى. ئەسلى بىزنى تۇغقان، تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت، ساپاسى مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى. ئەگەر ئۇرۇق ناچار بولۇپ يەر ياخشى بولسا، يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ، ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يېتىشتۈرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ، يەر ناچار بولسا، بۇ يەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ بىر قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپ تۈگىشىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت- ساپاسىزلىقى، ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران، ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشچان، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپ سۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە.
ئانا–ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىپ تاللانغان. ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەربىيەسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئانا تەربىيەسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ بارلىق تاپقان-تەرگىنى بالا تەربىيەسىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ تەربىيەلەيدىغىنى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر. يەھۇدىيلار ئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيەلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالى مەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەنلىرى دوكتورلۇققىچە ئوقۇتىدۇ. ئوغۇللىرىغا ئاساسلىق ھەربىي تەلىم- تەربىيە، سودا-ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ ھەمدە ھۈنەر، كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ. «سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغاندا قىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسىلەر؟» دېگەن سوئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئۆستۈرۈپ، تەربىيەلەيدىغان ئانا. ئوغۇل بالا بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن تالا ئادىمى قىلىپ يارىتىلغان. ئوغۇل بالا ئائىلە ئىشلىرىدا قىز بالىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ. مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنى توغرا تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان ئانا ساۋاتسىز، تەربىيەسىز، سۈپەتسىز بولسا، بۇ ئائىلىدىن ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقتىدارلىق، سۈپەتلىك، ئادەم چىقمايدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يۇقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچە مىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ. سۈپەتلىك تەربىيەلىنىپ يېتىلىپ چىقمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا، شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتى شۇنچىلىك بولىدۇ. سۈپەتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ.»



مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق، غۇرۇر، ۋىجدان قانۇنى. ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدا ئۆلۈپ كېتىشكە رازى. ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن. بىرى: قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللار ئەخلاقى، دۇنيا بىلىملىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى بىلىملەر بىلەن تولۇق تەربىيىلەش. يەنە بىرى: بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئېمىتىش. يەھۇدىيلاردا بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئېمىتمىگەن ئانا لەنەت-نەپرەتكە ئۇچرايدۇ، كەمسىتىلىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ، جەمئىيەت تەرىپىدىن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئېمىتمەسلىككە رازى ئەمەس. ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچە يۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بولۇپ يۈردى. ئەمما بارغانلا يەرنىڭ ئىقتىساد، سانائەت، بازار، سىياسىي، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەقكە ياللانغان مەدىكار بولۇپ تۇرۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالالىدى. ھازىرمۇ ئىلىم-پەن شۇلارنىڭ قولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا، سانائەت، كەشپىيات، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭ قولىدا.
دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى، دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى.
500 مىليونغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليون يەھۇدىيلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئادەم دېگەننىڭ ئۆزى بولماي نېمە؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيەلەنگەن يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار. ئالىي سۈپەت ئانا، ئالىي نەسەبلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر، ئالىم، ئەۋلىيا، دانىشمەنلەرنى تاللىدى. شۇڭلاشقا، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى. مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى.
ئەمدى بىز قىزلىرىمىزنى قانچىلىك تەربىيەلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز «قىز بالا تالاغا كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق.» دەپ قارايمىز. بىز قىزلىرىمىزنى خەقكە بېرىمىزمۇ؟ بىزنىڭ خەق دېگىنىمىز كىم؟ دەل ئۆزىمىز. بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەقكە بېرىپ باقمىدۇق. يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئېتەلىگۈدەك، ئانىسىدەك ئوسما قويالىغۇدەك، ياسىنالىغۇدەك، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق. بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار. ئۇلارنىڭ ساۋاتى بولمىسا، ھېچنېمىنى بىلمىسە، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە، بىزدەك بالىلىرىنى نېمىسى بىلەن تەربىيەلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيەنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ؟ دېمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋاتىمىز بولماقچى؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى؟ ئانىمىز ساۋاتسىز، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا، يا گۆش ئەمەس، يا ماي ئەمەس، بەز بولۇپ قالمىدۇقمۇ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇغقان، بالىلىرىمىزنى تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى، ئۇلار كوتۇلداپ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دېگەن ئاددىي سىزىققا كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ. ھەرقانداق ئالىم، داھىي، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركىرەپ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ. بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، توي-تۆكۈن، باردى-كەلدى، چاي، ئولتۇرۇش-قوپۇش، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى، قىسقىسى بارلىق بۇلار-بولماس، تەتۈر چۈشەك، چىرماق ئادەتلەرنى بەس-بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن چاشقان جاننى ئالىقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن. بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيەلەنگەچكە، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ، راست ئالىم چىقمايدۇ. غالچا چىقىدۇ، پادىشاھ چىقمايدۇ. ساتقىن-مۇناپىق جىق چىقىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ. كالۋا-ھاڭۋاقتى جىق چىقىدۇ، ئەقلى-ھوشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ. ھاراقكەش، بەڭگى، قىمارۋاز جىق چىقىدۇ، دىيانەتلىك، دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ. ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز. مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى. بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى، تۈزۈك ئوقۇتماي، تەربىيەلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى.



خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئۆستۈرمىگۈچە، بىزنىڭ سۈپەت-ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆسمەيدۇ. چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز. بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن-قىزلار يېتىشىپ چىقىدىكەن، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئېمىتسە، بىز ئاندىن ئادەم بولۇپ يېتىلىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ.
بۈگۈنكى قەلەندەر، بەڭگى، ھاشارچى، مەدىكار، ھاراقكەش، ھارامتاماق، بىكارچى ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلى ھەم دىققەت قىلايلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتور بولغان بارلىق ياپون خوتۇن-قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىدىن چېكىنىپ، ئائىلىگە قايتىشى ئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بولۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنى تۇغۇپ، تەربىيەلەش ئۈچۈندۇر. ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پاكار، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل، ئاقىل، كۈچلۈك، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ، ئەڭ ئېسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا، تەربىيەلەشكە يۈزلىنىپ، ياۋروپا ئىرقىدىكى سۈپەتلىك ياپونلارنى تۇغدى ھەم يېتىلدۈردى. مىللەتنىڭ سۈپەت–ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاق ۋە غۇرۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى. مانا بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىنىڭ بىرى.
بىزدىمۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدىكەن، بۈگۈنكىدەك بەڭگى بىلەن ھاراقكەش تۇغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ. ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن، بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار تۇغۇلىدۇكى، بىرمۇ ئاتا سۈپەت ئادەم تۇغۇلمايدۇ !!!

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى