ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش(1)

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش(1)

ۋاقتى: 2016-02-06 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  يېنىك دەرىجىدىكى  ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش ھاجەتسىز  ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش، ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى  ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالىغاندا تۆۋەندىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش لازىم.
  1. ئادەتتىكى داۋالاش: ئارام ئېلىش ۋە غىزالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇۋاپىق مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن E تولۇقلاش.


2. قان سېلىش : بۇ خىل ئۇسۇل نۆۋەتتە مۇھىم بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسى سېلىنىدۇ. ئاز مىقداردا قان سېلىش ئۇسۇلى پەقەت αۋەβتىپلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىگە ماس كېلىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكىگە نىسبەتەن ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى β تىپلىق ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىگە نىسبەتەن دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا ئوتتۇرھال، يۇقىرى مىقداردا قان سېلىش ئارقىلىق كېسەل بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى نورمال ھالەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ سۆڭەكنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىمارغا قويۇقلاشتۇرۇلغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى سېلىش ئارقىلىق، ھىموگىلوبىننىڭ مىقدارىنى 120~150gL غا يەتكۈزۈش، ئاندىن كېيىن ھەر 2-4 ھەپتىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىن ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 10-15 گىرام سېلىش، ھىموگلوبىننىڭ قويۇقلۇقىنى  120~150gL دىن يۇقىرى ھالەتتە ساقلاش لازىم. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل ئاسانلا گائېموزىدېروزىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا تۆمۈر خېلاتى ئارقىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى