ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى باكتېرىيەلىك تولغاقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

بالىلاردىكى باكتېرىيەلىك تولغاقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-11-20 ئاۋاتلىقى: 687 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلاردىكى باكتېرىيىلىك تولغاقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەك:
بىرىنچى، تارقىلىش مەنبەسىنى كونترول قىلىش. بۇ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. تولغاق بىمارىنى بايقىغان ھامان دەرھال ئايرىۋېتىش ھەم ئۈزۈل كېسىل داۋالاش كېرەك. باكتېرىيەلىك تولغاققا گىرىپتار بولغان كىشى 7-10 كۈنگىچە تاكى كېسەللىك ئالامەتلىرى  ئۈزۈل كېسىل يوقالغانغا، چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال چىقانغا قەدەر داۋالىنىش، تولغاقنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشنىڭ ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بوۋاقنى خالىغان يەرگە چوڭ تەرەت قىلدۇرماسلىق، كېسەل بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنى ھاك ياكى ئاقارتقۇچ بىلەن مىكروبسىزلاندۇرغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىش لازىم. ئاستا خاراكتېرلىك تولغاققا گېرىپتار بولغان بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئۈزۈل كېسىل داۋالىتىش ئارقىلىق تارقىلىش مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


ئىككىنچى، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش. چۈنكى تولغاق باكتېرىيەسى ئېغىزدىن كىرىدۇ. شۇڭلاشقا شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىش، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش «كېسەلنى ئېغىزدىن باشلاپ كىرىش» تىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلارغا چوڭ تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغان ئادەت يېتىلدۈرگۈزۈش، قول تىرناقلىرىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئېلىش، قولىنى شورىشىغا يول قويماسلىق، سوغۇق سەي ۋە پاكىز بولمىغان مېۋە-چىۋىلەرنى، بۇزۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئېشىپ قالغان سەي ۋە تاماقلارنى يېگۈزمەسلىك كېرەك. بىمار ئىشلەتكەن غىزالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى قايناق سۇغا بېسىپ مىكروبسىزلاندۇرۇش، كىيگەن كىيىملىرىنى ئاپتاپقا قاقلاش، ئىشىك تۇتقۇچى، ئورۇندۇق، ئويۇنچۇق قاتارلىق بىمار تەگكەن نەرسىلەرنى %5 لىك ئاچچىقسۇ بىلەن سۈرتۈش. بۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىك تازىلىقىنى ياخشىلاش، چىۋىن ۋە چىۋىننىڭ ياشاش ماكانىنى يوقىتىپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش لازىم.
ئۈچىنچى، ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش. تولغاق كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ۋە رايونلاردا سېمىز ئوتتىن 30 گرام قاينىتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇدا ئۈچ كۈن ياكى فېللودېندروندىن 3-6 گىرام سۇدا قاينىتىپ بىر كۈندە ئىككى ۋاق، ئۇدا 3 كۈن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بىر ئاز چوڭ بالىلارغا ھەر كۈنى 3-5 چىش سامساق يېگۈزۈش ئارقىلىق باكتېرىيە خاراكتېرلىك تولغاقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى