ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تولغاقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 7 تۈرلۈك ئەسكەرتمە

تولغاقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 7 تۈرلۈك ئەسكەرتمە

ۋاقتى: 2016-06-01 ئاۋاتلىقى: 764 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تولغاق ئاساسلىقى ئېغىزدىن يۇقىدىغان بولغاچقا بارلىق ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ھالقىسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇغا، يېمەكلىككە، چوڭ تەرەتكە مەينەت قولغا ۋە چىۋىنگە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
1. تاماق سايمانلرىغا: سۈت بوتۇلكىسى، ئىستاكان قاتارلىقلارنى دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشكاپقا تىزىپ قويۇش ياكى ئۈستىگە بىر بەرسە يېپىپ قويۇش  كېرەك.
2. بالىغا تاماق بېرىشتىن بۇرۇن قولىنى پاكىز يۇيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، ئادەتتە بالىنىڭ قولىنى يۇيۇپ قويۇش، قولىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش.
3.  بالىغا يېگۈزىدىغان مېۋىنى ئالدى بىلەن يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن يېگۈزۈش.


4.  ياز پەسلىدە يېمەكلىكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىملىقنى ھەر قېتىم ئېتىش. تاماقنى ئۇزۇن تۇرغۇزۇپ قويماسلىق. ئىچىملىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئىشەنچلىك ماگىزىنلاردىن سېتىۋېلىش، بالىلارغا سوغۇق سۇ ئىچكۈزمەسلىك لازىم.
5.  بالىلارنىڭ كىيىمىنى ۋاقتى ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرۇش، ئاپتاپقا سېلىش، تىرناقلىرى ئېلىپ تۇرۇش. ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى پات پات دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش لازىم.
6.  باققۇچى بالىغا بىر نەرسە بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى پاكىز يۇيۇشى، يېمەكلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئىسسىتىپ بېرىش، ياكى چايناپ يېگۈزۈشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق، باكتېرىيەنى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
7.  ئۆيلەرگە پەردە ئورنىتىپ چىۋىننىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىرگەن ھامان دەرھال ئۆلتۈرۈش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى