ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېلىق مېيىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش

بېلىق مېيىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش

ۋاقتى: 2016-01-24 ئاۋاتلىقى: 770 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەتتە، بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنلۈك تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋېتامىن Aنىڭ مىقدارى 1000 خەلقئارا بىرلىكى( ھەربىر خەلقئارا بىرلىكى 0.3 مىكروگرامگا تەڭ)، ھەركۈنلۈك تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋېتامىن Dنىڭ مىقدارى400 خەلقئارا بىرلىكى بولىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن Aنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ ئوزۇقلۇقى تولۇق، يېمەك-ئىچمىكى نورمال بولسا، ئانا سۈتىدىكى ۋېتامىن Aنىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن ۋېتامىن Dنىڭ ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، بوۋاق مەيلى ئانا سۈتى ياكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، تۇغۇلۇپ 2~3 ھەپتىدىن باشلاپ، كۈنىگە 400 بىرلىك ۋېتامىن D تولۇقلاش كېرەك. بۇنى 2~3 يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتكەن بوۋاقلار، قوشكىزەك ياكى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ۋېتامىن A، Dكەم بولغان بوۋاقلارغا ئۇلارنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


ۋېتامىن D تولۇقلاشتا، تۇغۇلۇپ 1~2-ھەپتىسىدىن باشلاپ، ۋېتامىن D تابلىتىنى 400~800 خەلقئارا بىرلىكى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىش كېرەك. ئەگەر ئىچىشكە كۆنەلمىسە، ۋېتامىن D نى 100000~200000 خەلقئارا بىرلىكى بويىچە مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا بىر-ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى-ئۈچ ياشقا كىرگەندە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، يېمەكلىك تۈرى ۋە سىرتتىكى پائالىيەتلىرى كۆپىيىدۇ، ئادەتتە مەخسۇس بېلىق مېيى تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.



بېلىق مېيىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈلىشىگە قاراپ تاللىسا بولىدۇ. بازارلاردىكى بېلىق مېيى ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن Dنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن 2:1، 3:1، 10:1 قاتارلىق ئۈچ خىل بولىدۇ.
2:1لىك قويۇق بېلىق مېيى كاپسۇلىنىڭ ھەر بىر مىللىگرامىدا ۋېتامىن A، 10000 خەلقئارا بىرلىك، 5000 خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن D بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل بېلىق مېيىنى تاللىغاندا، كۈندە بوۋاققا پەقەت ئۈچ تال بەرسىلا بولىدۇ.
3:1لىك قويۇق بېلىق مېيى كاپسۇلىنىڭ ھەربىر تېلىدا 1800 خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن A، 600 خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن D بولىدۇ، ئادەتتە بالىغا كۈندە پەقەت بىر تال بەرسىلا بولىدۇ.
10:1لىك بېلىق مېيىنىڭ ھەربىر تېلىدا 10000 خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن A، 1000 خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن D بولۇپ، بۇ خىلدىكى بېلىق مېيى بوۋاقلاردا ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن D نىڭ مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى