ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى

بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى

ۋاقتى: 2016-02-19 ئاۋاتلىقى: 702 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئويۇنچۇق ياساش شىركىتى يېقىندا مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى ياساپ چىققان، بۇ ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان ئورۇندۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە مەخسۇس iPad قويىدىغان بىر رامكا چىقىرىلغان، بۇ خىل ئورۇندۇقنى ئىشلەتكەندە، ئاتا-ئانىلار ھەرۋاقىت بالىلىرىنى ئايپەد ئارقىلىق ئېكراندا كۆرۈپ تۇرالايدىكەن. 



بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان بۇ ئورۇندۇقنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا، بۇ ئورۇندۇقنىڭ ھەرخىل قوللىنىشچان ئەپلەرنى ئىجرا قىلالايدىغانلىقى، يىنىك ۋە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرالايدىغانلىقى شۇنداقلا رەڭسىز ياكى سۈزۈكلۈكى يۇقىرى بولغان سۈرەتلەرنى ئىكراندا قويۇش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ «كۆرۈش سەزگۈسى» نىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان. يېشى چوڭراق بالىلار بولسا، ھەرخىل ئۈگىنىش تىپىدىكى ئەپلەر ئارقىلىق خام سۆز، ساناق ساناش ۋە ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارنى ئۈگەنسىمۇ بولىدىكەن. 


بەزى كىشىلەر بۇنى «ئاخىرلاشتۇرغۇچى تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق بالا باققۇچى» دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ يەنە ئاز بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. بەزىلەر بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق ئېكراننىڭ بوۋاقلارنىڭ تاشقى مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ يېتىلىشىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

«بالىلارنى سودا ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرايلى» دەپ نام قويۇلغان بىر تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بالىلار ئىلمىي ئۇيۇشمىسى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانلارغا يېقىن كەلمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بالىلارنىڭ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇخلىيالماسلىق ۋە كېيىنكى ۋاقىتلىرىدىكى ئۈگىنىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بوۋاق بالىلارغا ئايپەد تۇتقۇزۇش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولدىكەن، ئاددىيسى ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. 

ھالبۇكى، ئويۇنچۇق ياساش سودىگىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئويۇنچۇق تىپىدىكى ئورۇندۇقنى سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭغا ياخشى باھا بەرگەن، شىركەتنىڭ باياناتچىسى سۆز قىلىپ، بۇ ئورۇندۇقنىڭ مائارىپ تۈرىدىكى مەھسۇلات ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ھازىرچە پەقەت تور ئارقىلىق سېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار يەنە بۇندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن يەنە باشقا كۆپ خىل تاللاشلارنى يولغا قويدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى