ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش(2)

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش(2)

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 732 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  تۆمۈر خېلاتى ئارقىلىق داۋالاش
  ئادەتتە تۆمۈرسىز ئامىن‹ deferoxamine › ئىشلىتىلىدۇ، بۇ دورا تۆمۈرنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەت ئارقىلىق چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ، بىراق ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈش رولىنى چەكلەش ئىقتىدارى يوق.  ئادەتتە، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى بىر يىل ياكى 10-20 بىرلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارىغا نىسبەتەن ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر تۆمۈر مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ‹ مەسىلەن SF 1000μgL› بولسا تۆمۈر خېلاتى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. تۆمۈرسىز ئامىننىڭ ھەر كۈندىكى ئىشلىتىلىش مىقدارى 25~50mgkg،  ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم ئۈزلۈكسىز 12 سائەت تېرە ئاستىدىن ئوكۇل قىلىش ياكى تەڭ ئوسموسلۇق گىلۇكوزا سۇيۇقلۇقى قوشۇپ ۋېنادىن 8~12 سائەتكىچە تېمىتىپ ئوكۇل قىلىش، ياكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە سۇسپىنىزيەسىگە ئوكۇل قىلىش كىرگۈزۈش كېرەك. بۇ خىل داۋالاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. تۆمۈرسىز ئامىننىڭ ئەكس تەسىرى تۆۋەن، پەقەت ئاز ساندىكى بىمارلاردا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەن چاغدا كۆزگە ئاق چۈشۈش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچراش، مىقدارى ئارتۇق بولۇپ كەتكەندە كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن C بىلەن تۆمۈر خېلاتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تۆمۈرسىز ئامىننىڭ بەدەندىكى تۆمۈرنى سۈيدۈك ئارقىلىق ھەيدەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە 200rng.


  تالنى كېسىپ ئېلىۋېتىش
  تالنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ھېموگلوبىن H كېسىلى ۋە ئوتتۇرھال β  ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئۈنۈمى ياخشى، بىراق ئېغىر دەرىجىدىكى β ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىگە بولغان ئۈنۈمى ناچار، تالنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، 5-6 ياشتىن كېيىن كېسىپ ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ، بىماس كېلىش دائىرىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
 قان ياسىغۇچى غول ھۈجەيرە يۆتكەش
  غەيرى گېنلىق قان ياسىغۇچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش بولسا نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى β ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن  داۋالاش ئۇسۇلى. ئەگەر HLA سى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغان قان ياسىغۇچى غول ھۈجەيرىسى تەقدىم قىلغۇچى بار بولسا ئۇنداقتا بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېغىر دەرىجىدىكى  βئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى