قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق؟
يانفوندا كۆرۈش
1. ئالدى بىلەن، بالىنىڭ «دوۋسۇن تەييارلىقى باسقۇچى» دا تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق تەرەت قىلىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولسا تەرەتتىن كېيىن بالىنىڭ زاكىسىنىڭ بىر نەچچە سائەت ھۆل بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2. بۇندىن سىرت يەنە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ‹ئادەتتە بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارغا نىسبەتەن› مۇ بالىلارنىڭ تەرەت قىلىشنى ئۆگىنىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ:
• ئۆزى ماڭالايدىغان ۋە ئۆزى ئولتۇرالايدىغان‹تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرۇشنىڭ ئاساسى› ھالەتكە يېتىش
. ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى تارتىش ۋە كۆتۈرۈشنى بىلىش
. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرىكىتىنى دوراشنى بىلىش
. ئۆزىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنى كونترول قىلىشقا قىزىقىش، مەسىلەن: ئاتا-ئانىلار بىلەن ھاجەتخانىغا بىرگە كىرىش
. ئۆزىنىڭ زاكىسىغا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىپ قويغانلىقىنى چوڭلارغا بىلدۈرەلىسە
.ئالغان نەرسىنى ئەسلى ئورنىغا قويۇشنى بىلىش‹بالىغا چوڭ-كچىك تەرەت قىلغان چاغدا قەيەرگە بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ›
.«ياق» دېيىشنى بىلىش مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىكى بالىلارنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ: بالا كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆي كۆچۈش قاتارلىق ئەھۋاللاردا. بۇندىن سىرت يەنە ئاتا-ئانىلار سىرتقى مۇھىتنىڭ بېسىمى تۈپەيلى بالىلارنى مەشىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ زاكىسىنى تازىلاش ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلىدىن تەشۋىشلىنىش ھېس قىلىش پىسخىكىسى قاتارلىقلار بالىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، گاھىدا يەنە پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مەشىقنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بالىلار ماسلاشمىسا بىر نەچچە ئاي كۈندىن كېيىن قايتا سىناپ بېقىش كېرەك.