ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ قېلىشى قانداق ئەھۋال؟

بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ قېلىشى قانداق ئەھۋال؟

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

كىچىك بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشى ھەزىم قىلىش يولىدا سۈمۈرۈلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش بولسا، ئاپىسىنىڭ يۈزىدىكى قوغۇشۇنلۇق گىرىم بۇيۇملىرىنى، ئانىلارنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا سۈركەيدىغان قوغۇشۇنلۇق مەلھەم قاتارلىقلارنى يالىۋېلىشىدىن، قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن ئانىنىڭ ئانا سۈتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقنىڭ سۈت چىشى چىققان چاغدا كارىۋات تۆمۈرى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنىڭ قوغۇشۇن تەركىبلىك سىرلىرىنى يالاپ زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا غەلىتە نەرسىلەرنى يەۋالىدىغان بوۋاقلار پول ۋە تاملاردىن چۈشۈپ كەتكەن نەرسىلەرنى يېۋېلىپ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قوغۇشۇنلۇق كورىلاردا قاينىتىلغان، ساقلانغان كىسلاتالىق تاماقلار، ئىچىملىكلەر، قوغۇشۇندىن بۇلغانغان سۇ ۋە يېمەكلىكلەر، قوغۇشۇن تەركىبى يۇقىرى بولغان دورا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قوغۇشۇنلۇق گازلار،  ئۇزۇن مەزگىل قوغۇشۇنلۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل ياشاشتىن كېلىپ چىقىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىستېمال مىقدارى 5mg/kg.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى