ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىزگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش لازىممۇ؟

سىزگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش لازىممۇ؟

ۋاقتى: 2014-01-11 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

قورامىغا يەتكەنلەرگە ۋاكسىنا ئۇرۇشتىن ئاۋۋال خىمىيەلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىش كېرەك، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتقى يۈز ئانتىگېنى، سىرتقى يۈز ئانتېتىللاسى، مەركىزى ئانتېتىللاسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئەگەر بۇ ئۈچ خىل تەكشۈرۈشنىڭ ئۈچىسىلا مۇسپەت بولسا، ترانسئامىنازا(转氨酶) نورمال بولسا ئاندىن كېيىن ئەملەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەمگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشكە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بىراق بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئومۇمەن بەدىنىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باكتېرىيەسى بولمىغان ۋە بەدىنىدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتېگېنىنىڭ مىقدارى ئاز بولغانلار، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، يېمەكلىك ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلار  چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىش لازىم. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋە ئېلىپ يۈرگۈچىلىرىگە نىسبەتەن ۋاكسىنا ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش رولى يوق. مەيلى قانچىلىك ۋاكسىنا ئۇرۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر قوغداش خاراكتېرلىك ئانتېتىللاسى -B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتقى يۈز ئانتېتىللاسى ھاسىل بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، قان پلازمىسى كېسەللىكى، زىققا، ئۇرتىكارىيە ۋە پىنسىلىن، سۇلفانىلامىد  قاتارلىق بىر قىسىم دورىلارغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە بولمايدۇ، زىيادە يېنىك، بالدۇر تۇغۇلغان، قورساقنى يېرىپ ئالغان بوۋاقلارغا ۋاقتىنچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشكە بولمايدۇ.
تەكشۈرۈش قەغىزىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتقى ئانتېتىللاسى مۇسپەت بولغانلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش ھاجەتسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى