ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياشلىق 10-12ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

ياشلىق 10-12ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىلىمگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى
بالىڭىزنىڭ بىلىمگە، يېڭىلىققا ئىنتىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ. دائىم « نېمە ئۈچۈن؟»دەپ سوئال سورايدۇ. بىلەمسىز؟ بالا قانچە ئەقىللىق بولغانسېرى شۇنچە سوئال سوراشقا ئامراق كېلىدۇ، سوئالى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بەزى مەسىلىلەرگە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا يالغان سۆزلەپلا ئۆتكۈزۋەتمەي، سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىشى كېرەك. بولمىسا سوئالغا جاۋاب بەرمىگەندىنمۇ ناچار ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۆستۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.


ئەخلاق تۇيغۇسى
ھازىر بالىڭىز ئادەم ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن ياخشى-يامان، گۈزەل-سەت بولىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە باھالىيالايدۇ. ئاتا-ئانا، ئوقوتقۇچىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا، ئۇلار ئاستا-ئاستا نېمىنىڭ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئىشنىڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياخشى-يامان، گۈزەل–سەتنى تونۇيدۇ-دە، ئەخلاق تۇيغۇسى يېتىلىشكە، تەرەققى قىلىشقا باشلايدۇ.
بەدەن تىلى(پۇت-قول، باش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن باش لىڭشىتىش.) ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ
بالىڭىزنىڭ كەيپىياتنى كونترول قىلىشى ناچار بولۇپ، كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى يوشۇرماي ئاشكارا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى ياخشى ئىپادىلىيەلەيدىغان تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: خاپا بولسا يىغلايدۇ، خۇشال بولسا كۈلىدۇ ياكى خۇشاللىقىدا ئۆزنى تۇتالماي سەكرەپ كېتىدۇ. ئاچچىقلانسا كۆزنى چەكچەيتىپ، يەرنى تېپىپ كېتىدۇ. خۇشال بولىدىغان ئىش بولسىلا ئانىسىغا ئېيتىدۇ.



بالىڭىزنىڭ ھېكايىسنى ئاڭلاپ بېرىڭ
بالىنىڭ تىل تەرەققىياتى ھەمدە سۆز-پىكىرىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ. تىل ئارقىلىق ئۆز مەقسىتى، تەلىپىنى، ئۆز پىكرىنى ئىنكاس قىلالايدۇ. ئادەتتە بالىلار 2-3 قېتىم ئاڭلىغان ھېكايىنى ناھايىتى راۋان  سۆزلىيەلەيدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ھېسسياتىنى، كەيپىياتىنى ئۆز ھېكايىسىگە قوشۇپ سۆزلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى