ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش تەدبىرى

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش تەدبىرى

ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 779 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
1. پاسسىپ ئىممۇنىتېتلاش: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ‹جىددى خاراكتېرلىك دەۋرى ۋە ئەسلىگە قايتىش دەۋرى› دىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن، تۇغۇلۇپ 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋە 3 ئاي، 6 ئايدا بىر قېتىمدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان زەردابى شارچە ئاقسىلى (HBIG)دىن 1-0.5 مىللىمېتر ئوكۇل قىلىش. %70-%80 قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ.


2. ئاكتىپ ئىممۇنىتېتلاش: سىرتقى يۈز ئانتېتىللاسى ياكى e ئانتېتىللانىڭ بىرسى ياكى ھەر ئىككىسى مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن تۇغۇلۇپ 24 سائەت ‹ياكى 7 كۈن› ، 1 ئاي، ئالتە ئايدا بىر قېتىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش، قان پلازما ۋاكسىنىسى ھەر قېتىمدا 20-30 مىكرو گىرام. گېن ۋاكسىنىسى 5 مىكرو گىرام.



3. بىرىكمە ئوكۇل ئۇرۇش: HBIG نىڭ ۋاكسىنىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىشىغا نىسبەتەن تەسىرى روشەن ئەمەس، پەقەت ۋاكسىنا ئۇرغان شارائىتتا  ئۇنىڭ قوغداش نىسبىتى %90-%95 بولالايدۇ. بىراق بىر قىسىم e ئانتېتىللا مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بالىلار ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %30 بالا سىرتقى يۈز ئانتىگېنىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسى بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن HBIG نى  بىرلەشتۈرۈپ ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى ئومۇملاشماقتا، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بوۋاقنى قوغداش ئۈنۈمى %85-%95 ئەتراپىدا. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
1. HBIGتىن 0.5 گرامنى بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئوكۇل قىلىش
2. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىدىن 0.5 گىرام ‹گېن ۋاكسىنىسىدىن 5 مىكرو گىرام›بىلەن HBIGنى بىرلىكتە ئوكۇل قىلىش، ياكى بالا تۇغۇلۇپ 7 كۈن ئىچىدە يەنە بىر تەرەپتىكى مۇسكۇلىغا ئوكۇل قىلىش، كېيىن 1، 6 ئاي قەرەلى بويىچە بىر قېتىمدىن ئوكۇل قىلىش، 3-5 يىلدا بىر قېتىم كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى‹گېن ۋاكسىنىسى 5 مىكرو گىرام› ئەملەش. تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىچىك ئۈچ مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئايال تۇغقان بالىلارغا نىسبەتەن بىرلەشتۈرۈپ ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەملەش ئۇسۇلى قوللىنىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىش نىسبىتىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى