ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ تەرەت قىلىش ئېڭىنى مەشىق قىلدۇرۇش

بالىلارنىڭ تەرەت قىلىش ئېڭىنى مەشىق قىلدۇرۇش

ۋاقتى: 2015-12-08 ئاۋاتلىقى: 656 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  بالىڭىز قانداق ۋاقىتتا تەرەت قىلىشنى بىلەمدۇ؟ ئۆزىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىدىغانلىقىنى ياكى كىچىك تەرەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەمدۇ؟ بۇلار بالىلارغا ئېلىپ بېرىلغان مەشىقنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ ئاساسى. بالىلار كۆپىنچە بىر ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ تەرەت قىلدىغانلىق سىگنالىنى تارقىتالايدۇ. ئۇلار بىرئاز چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ خىل سىرتقى سىگنال كۆپىنچە يوقاپ كېتىدۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بالىلار ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ تەرەت قىلغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ دەسلەپكى مەزگىللىك ئىپادىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا تەرەت قىلىش ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.
  ئوغۇل-قىزلارنىڭ تەرەت قىلىش مەشىقى ئوخشاش بولمايدۇ:


   ئۈچەينىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلى بالىلار دەسلىپىدە ئۆزىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىدىغانلىقىنى ياكى كىچىك تەرەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ھەمىشە چوڭ-كىچىك تەرەتنى بىرلا ۋاقىتتا تاماملايدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا مەشىقنى باشلاشتىن بۇرۇن بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇلارنى ئەركىن ئولتۇرغىلى قويۇش ئۇلارنى ئالدىراتماسلىق لازىم.



  ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىش:
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغۇللار ئۆرە تۇرۇپ سىيىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ، يەنە قايسى قېتىمدا ئەڭ يىراققا سىيەلەيدىغانلىقىغا قاراش ئويۇنى قاتارلىقلار. بۇنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزىقىش ئېڭى ناھايىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇلار يېڭى ئۆگەنگەن ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاتا-ئانىلار چوقۇم ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن بالىلار پەيدا قىلغان بۇ «پاجىئە» نى بىر تەرەپ قىلىشى، بالىلار تەرەت تۇڭىغا ئولتۇرۇپ تەرەت قىلالىغۇدەك بولغاندا ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا قانداق قىلغاندا «نىشاننى تېخىمۇ ياخشى قارغا ئېلىش» قا بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتسە بولىدۇ. ئوغۇل بالىلارنى ئاتىلارنىڭ يېتەكلىگىنى ئەڭ ياخشى. بالىلارغا «سىيىش ئويۇنى»  ئويناتقۇزۇشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تەرەت تۇڭىغا ئادەم ئەڭ ئۆچ بولغان «پېرىخۇن» نىڭ رەسىمنى تاشلاپ ئاندىن ئۇنى بالىلارغا «قارغا» ئالغۇزۇش....
زوڭزىيىپ سىيىش
بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەزى قىز بوۋاقلار دادىسىنىڭ ياكى كىچىك ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن سىناپ بېقىش مەقسىتىگە كېلىدۇ. ئانىلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا بالىغا ئاچچىقلىنىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بالىنىڭ ئۆزىگە قويۇۋەتسىلا كۇپايە، قىز بوۋاقلار ئۆرە تۇرۇپ سىيگەندە بىئارام بولىدىغانلىقىنى، ئىشتاننى ھۆل قىلىۋەتسە ئۆزىنىڭ سەت بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلگەندىن كېيىن دەرھاللا تۈزۈلۈپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانىلار قىزلارنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ئىشتان ۋە ئاياغنىڭ مەينەت بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھەم تېخىمۇ راھەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ.



قىز بوۋاقلارغا زىيادە مۇرەككەپ ئىشتانلارنى كىيگۈزمەسلىك:
  قىز بوۋاقلارغا تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى ئۇلارغا بەك مۇرەككەپ، سېلىش قېيىن بولغان ئىشتانلارنى كىيگۈزمەسلىك. بالىلار ئادەتتە تەرىتى تازا قىستاپ كەتكەن چاغدا ئاندىن ئاتا-ئانىلارغا ئېيتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىنى كونترول قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىش قېيىن بولغان ئىشتان كىيگۈزۈش قوشۇلۇپ ئىشتانغا تەرەت قىلىش قويۇش ناھايىتى تەبئىيلا يۈز بېرىدۇ.
   نۇرغۇن ئانىلار ئۆز بوۋىقىنى چىرايلىق كېيىندۈرۈپ بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئەمدىلا تەرەت قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن كېيىندۈرۈشكە يەنىلا دىققەت قىلغان ياخشى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى