ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىممۇنىتېت كۈچى دېگەن نېمە؟

ئىممۇنىتېت كۈچى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2015-06-24 ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 (1-3 ياشلىق بالىلارنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى) ئىممۇنىتېت كۈچ بولسا بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش فۇنكسىيەسى بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ سىرتتىن بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەرقانداق ماددا‹باكتېرىيە، ۋىرۇس›، بەدەندىكى زەئىپلەشكەن، يارىلانغان، ئۆلگەن، ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەرنى تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، بەدەندىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر ۋە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئىممۇنىتېت ئىلىمىنىڭ قارىشىچە، ئىممۇنىتېت كۈچ بولسا «يات ماددىلارنى تونۇش ۋە چىقىرىپ تاشلايدىغان فزولوگىيەلىك ئىنكاسنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندە بۇ خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇردىغىنى بولسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى. نەچچە يۈز يىل مابەينىدە، ئىنسانلار ھەم ياشاشقا ماس كېلىدىغان ھەم خەتەرگە تولغان مۇھىت ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە، ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ياشىشى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا ئىممۇنىتېت كۈچى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ھاسىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى