بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-27
ئاۋاتلىقى: 601 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
«ئىشتىھاسى ناچار بولۇش، قورسىقى ئاغرىش، قان كەملىك، جىم تۇرالماسلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق» قاتارلىقلار قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىراق بۇلار پەقەت قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئەمەس. قاندىكى قوغۇشۇننىڭ ھەر لىتىر قاندىكى قويۇقلۇقى 100 مىللىگىرامغا يەتسىلا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، بىراق بۇ ئەھۋالدا بالىدا ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامەت بولماسلىق مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى بالا بىر ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم، ئىككى ياش ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم قاندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۆلچىتىش كېرەك.