ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىسلامدىكى مۇھەببەت(تەۋسىيە)

ئىسلامدىكى مۇھەببەت(تەۋسىيە)

ۋاقتى: 2015-12-03 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇھەببەت ـ قەلبنىڭ مەھبۇبى تەرەپكە بولغان مايىللىقى دېمەكتۇر. مۇھەببەت پەقەت قەلبتە بولىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى پەقەت ئەرـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بولغاندىلا بەختلىك ۋە سائادەتلىك بولالايدۇ. ئەرـ ئاياللىق ھاياتتا ئورتاق مۇھەببەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك نەرسىدۇر. مۇھەببەت ئەسلىدە، ھەر كىشى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان پاكىز، ئېسىل بىر ئەنئەنىدۇر. ئەمما ـ ئەپسۇسلىنارلىقكى ـ كۈنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولاقلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەت دېسە، ئۇنى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، پاك مۇھەببەت ــ بەخت ـ سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

 

 كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت سۆزىنى بىر خىل گۇناھ ـ مەسىيەت دېگەن قاراش بىلەن چۈشىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە قىلىشىدۇ ــ ئۇلار بىلەن بىرگە تىياتىرغا بېرىشىدۇ، بىرگە تانسا ئوينايدۇ، ھاراق ـ شاراپ سورۇنلىرىغا بىرگە بېرىشىدۇ، بەزىلەر ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت باھانىسى بىلەن يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە باغلىشىدۇ، يوقىرىقى يولسىز مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، ھەتتا پاھىشە ئىشلارنى قىلىشىدۇ. دېمەك: بەزى كىشىلەر پۈتۈن بۇزۇقچىلىقلارنى مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا قىلىشىدۇ. بۇ خىل بۇزۇقچىلىقلارنى كۆرگەن خەلق مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدىكەن دەپ چۇشىنىپ، مۇھەببەت سۆزىنى يامان كۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالغان.


 ھەقىقىي پاك مۇھەببەت ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان رەزىل نەرسە ئەمەس،بەلكى ئۇنى يولىدا قوللانسا ئېسىل ئەنئەنىدۇر. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا قىلىۋاتقان بۇ يولسىزلىقلىرى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت دېيىلمەيدۇ. بەلكى بۇنداق ئىشلار ئالدامچىلىق ۋە ئەدەبسىزلىكتۇر.پاك مۇھەببەت ـ قەلبنى گۇللەندۇرىدۇ. كىشى بىرسىگە كۆڭلىنىڭ مايىل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. بەلكى مۇھەببەتنى يامان يولغا قوللىنىپ، يولسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، قەلبىگە چۈشۈپ قالغان نەرسىلەردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ئەمما سەۋەبلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. سەۋەبلەر قايسى دېگەندە، ئۇلار: ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش نىيىتى بىلەن تىكىلىپ قاراش، ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن زورىغا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنى يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇيدۇ.ئەڭ غەلىبىلىك مۇھەببەت تويدىن كېيىن ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئەمما تېخى ئۆيلەنمەستىن ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت گارانتىسىز(كاپالەتسىز) مۇھەببەت بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا قىز ــ ئوغۇل ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان ۋە شاقاۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئۆز قىسمى ئارمانلىرىغا ئېرىشەلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھاياتىنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلبىگە بىرسىنىڭ ئىشقىنى سېلىپ قويىدىغان پۈتۈن سەۋەبلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى ئىگە بولىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى كۆڭۈل دېگەن ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن، ئۇنى خالىغان يەرگە بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئۇنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئىككى مەھبۇب ئۈچۈن نىكاھتىن ياخشى نەرسە يوقتۇر“. (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)مۇھەببەتنىڭ غايىسى ھەرئىككىسىنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرۇشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالىغان مۇھەببەت مۇرادىغا يەتكەن غەلىبىلىك مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى بىر ـ بىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ كۆڭۈل ئېچىشتىنلا ئىبارەت بولسا، بۇ، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئالدامچىلىق ۋە رەزىللىكتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى ھەر ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالمىغان مۇھەببەت باشلىنىشى غەلىبە، ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشقان ئاۋارىچىلىقتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى