قان چىقىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-02-21
ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆرگىلى بولىدىغان قان چىقىشقا نىسبەتەن دەرھال قان توختىتىش تەدبىرى قوللىنىش لازىم. پۇت-قوللاردا قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا داكا بىلەن ئوراپ قان توختىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا قان توختىتىش بوغقۇچى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. قان توختىتىش بوغقۇچى ئارقىلىق قان توختىتىشقا ئامال بولمىغان ئەھۋالدا داكىنى يارا ئېغىزىغا كەپلەپ تۇرۇپ تېڭىش، ئەگەر تېڭىشقا مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا يارا ئېغىزىغا كەپلىگەن نەرسىنى قول بىلەن باسقان ھالەتتە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئەگەر قان قۇسۇش، چوڭ تەرىتىدىن قان كېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش لازىم.