ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(3)

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(3)

ۋاقتى: 2015-10-10 ئاۋاتلىقى: 695 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش
مىسال: تاملارغا قالايمىقان رەسىم سىزغاندا، نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلىغاندا
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: دەسمال، سۈپۈرگە تەلەڭگىلەرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا تازىلىق قىلىشنى ئۆگىتىڭ.
تەكلىپ: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. يېشى كىچىكرەك بولسا، چوڭلار يېنىدا بىللە تۇرۇپ قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى بالىلارغا نەرسىلەرنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بالىلاردىن ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى سوراپ تۇرۇش كېرەك.

 
2. رەسىم سىزغۇزۇش
مىسال: باشقىلارنى تىللاشقا، ئېسىلىۋېلىشقا، تېپىشكە، چىشلەشكە ئامراق بالىلار
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: ئائىلىسىنىڭ شارائىتىگە قاراپ، مەلۇم بىر ئورۇنغا مۇقىم ئۈستەل قويۇپ( جازا ئۈستىلىنى ئەڭ ياخشىسى ئادەتتە يېزىق ئۈستىلى، تاماق ئۈستىلى قىلىۋالماسلىق كېرەك، بولمىسا كېيىنچە بالىلار بۇ ئۈستەلنى ئىشلىتىشتىن قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ)، بىر پارچە رەسىملىك كىتاب ۋە رەڭلىك بوياقلارنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى سىزىپ چىقىشقا بۇيرۇڭ.
تەكلىپ: بالىلار يارىلانغان بولسا ئاۋۋال يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بالىنى تەنقىدلەڭ، بالىغا خاتا قىلغان ئىشلىرىنى سىزىپ چىقىشقا بۇيرۇڭ. چوڭلار بالىلارنىڭ سىزىپ چىققان رەسىملىرىدىن ئۇنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتىكى پىسخىك ھالىتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. بۇنداق گۈزەل-سەنئەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەيدىغان ياخشى تەنقىد ئۇسۇلىدۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى