ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(4)

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(4)

ۋاقتى: 2016-02-18 ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تۇرغۇزۇپ قويۇش
مىسال: قەستەن ئېگىز جايلاردىن سەكرەپ ئوينىغاندا، ماشىنىدا قالايمىقان يۈگرەپ قالايمىقانچىلىق چىقارغاندا
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: ئۆينىڭ چوڭ ئىشىكنىڭ ئۇدۇلى بولمىغان بىرەر تېمىنى جازالاش رايونى قىلىپ تاللاپ، ئىسىم قويۇڭ. قوڭغۇراقلىق سائەت تەييارلاپ ۋاقىتنى بەلگىلەپ بېرىڭ.
تەكلىپ: جازالاش ئورنى بەك كۆرىنەرلىك بوكۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق غۇرۇرى بولىدۇ. ئۇنى بەك ئۇزۇن تۇرغۇزىۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئەكسىچە رول ئويناپ قالىدۇ. جازادىن كېيىن بالىدىن ئۇنىڭ جازالىنىش سەۋەبىنى سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇتۇش كېرەك.


2. كىتاب ئوقۇتۇش خەت يازدۇرۇش
مىسال: زوراۋانلىق قىلمىشى كۆرۈلگەندە، يالغان سۆزلىگەندە، قولىغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ ماڭغاندا...
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: مۇقىم جازالاش ئورنى تاللاپ، يۇمشاق تەگلىك ۋە كىچىك ئۈستەل قويۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىنداش قەلەم، قەغەز، ئۆچۈرگۈچ، رەڭلىك قەلەم، ھېكايە كىتاب، رەڭلىك قەغەز قاتارلىقلارنى قويۇپ قويۇش؛ بالىلارنى ئۆزى خەت يېزىش ياكى كىتاب ئوقۇشقا بۇيرۇش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ كەيپىياتىمۇ تەڭشىلىپ قالىدۇ.
تەكلىپ: ئەگەر قولىڭىزدىكى ئىشنى دەرھال توختىتىشقا ئىمكان بولمىسا، بالىنى ئاۋۋال « جازا رايونى»غا بېرىپ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا بۇيرۇڭ. بالىنىڭ « مەن ئۇنداق قىلمىدىم» دېگەن سۆزلىرىنى غەزەپ بىلەن رەت قىلىۋەتمەڭ، ئاۋۋال بالا بىلەن بىر ئاز ئارىلىق ساقلاپ، ئاچچىڭىز بېسىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ خاتالىقىنى تەنقىد قىلىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى