ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(5)

بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(5)

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 609 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئامراق نەرسىلىرىنى مۇسادىرە قىلىش
مىسال: غەلۋە قىلىپ توختىمىغاندا، قالايمىقان نەرسە تاشلىغاندا، ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشتۇرمىغاندا
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: ئۇ يىغىشتۇرمىغان، قالايمىقان تاشلىغان نەرسىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئامراق نەرسىلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىڭ.
تەكلىپ: قولىڭىزدىكى ئىشنى قويۇپ بالىنىڭ يېنىغا كېلىڭ، بالىغا ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ئۇنىڭغا قالايمىقان تاشلىغان نەرسىلىرىنى يېغىشتۇرۇش، غەلۋە قىلىشتىن توختاشنى، ئۇنداق قىلمىغاندا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. ئۇنىڭغا نېمىشقا ئاچچىقلىنىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈڭ.


2. رەڭلىك شارچىلارنى ئايرىش
مىسال: سەۋرچانلىقى يېتەرلىك بولمىغان، نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلىغان بالىلار
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: بىر تال كورۇپكا ياكى تەخسە تەييارلاپ، قىزىل، سېرىق، يېشىل قاتارلىق رەڭلىك شارچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ قويۇڭ. بىر نەچچە سۇلياۋ قۇتىلارنى جازا ئۈستىلىگە قويۇپ، بىر خىل رەڭلىك شارچىلارنى بىر قۇتىغا ئايرىپ سېلىشقا بۇيرۇڭ.
3. بەزى تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ بەرمەسلىك
مىسال: چىشىنى چوتكىلاشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، تاماق تاللايدىغان، قالايمىقان نەرسە تاشلايدىغان بالىلار
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: بالىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى ۋاقتىنچە بەرمەسلىك ئارقىلىق تەنقىدلەش كېرەك.
تەكلىپ: بالىلارغا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ سۆزلەشكە بولمايدۇ، بالىلارغا بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. بالا خاتالىقىنى تۈزەتكەندە بۇ جازانى توختىتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى