ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ساغلاملىقى توغرىسىدىكى بەزى بىلىملەر

بوۋاقلار ساغلاملىقى توغرىسىدىكى بەزى بىلىملەر

ۋاقتى: 2016-02-27 ئاۋاتلىقى: 507 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.بوۋاقلارنىڭ ساغلام بولغان يېمەكلىك ئادىتى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مېۋە يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، 2-3 ياشلىق بالىلار كۈندە 50 گرام ئەتراپىدا مېۋە ئىستېمال قىلىشى لازىم.
2.ھامىلىدار ئاياللار ئاڭلايدىغان مۇزىكا: 19- ئەسىردىكى داڭلىق كومپوزىتور دېۋوشاكنىڭ خەلق قوشىقىنىڭ توققۇزىنچى سىمفونىيلىك مۇزىكىسى «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق» ئىككىنچى بۆلىكى، بۇ مۇزىكا تىت-تىتلىقنى پەسەيتىدۇ.
3.ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلارنى كۆپ يۇيۇندۇرسا بولمايدىكەن. ئۆمىلەشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى ھەر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇندۇرسا بولمايدىكەن.
 
4. 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلار تۇزلۇق بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلار تۇزلۇق بېلىقنى كۆپ يېسە، چوڭ بولغاندا راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
5.بوۋاق بىر ياشقا توشمىغاندا ھەسەل يېسە بولمايدۇ. بوۋاقنىڭ ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە توپى تېخى شەكىللەنمىگەن بولۇپ، ھەسەل يېسە ئاسان يۇقۇملىنىپ زەھەرلىنىپ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
6.بالىلار ساغلاملىقى. مىجەزى ئىسسىق بولغان بوۋاقنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاپىنىنىڭ ئوتتۇرىنى 50 قېتىمدىن ئۇۋۇلاپ بەرسە مىجەزى تەڭشىلىدۇ.

 

7.بالىلار ساغلاملىقى. خۇرۇم ئاياغنى بالىلارغا ئامال بار كىيگۈزمەسلىك لازىم، بالدۇر خۇرۇم ئاياغ كىيگەندە، پۇتنىڭ قان تومۇرى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى بېسىپ، پۇت ئالقىنى بىلەن پۇت بارماق سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
8.مۇتەخەسسىسلەر ھامىلىدار ئاياللارنى ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە سۇس چاينى ئىچسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، چۈشلۈك تاماقتىن بىر سائەت كېيىن ياكى كەچلىك تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن بولغان ۋاقىتتا ئىچسە مۇۋاپىق بولىدىكەن.
9.بوۋاققا مېڭىشنى ئۆگەتكەندە قولىنى تۇتىۋالماسلىقىمىز لازىم: بوۋاقنىڭ بىلەك سۆڭىكى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولالمىغان، ھەمدە جەينەك بوغۇم خالتىسى بىلەن پېيى يۇمشاق بولغانلىقتىن قولىنى تۇتۇپ مېڭىشنى ئۆگەتسە، سۆڭەڭ بوغۇملىرى ئاسان چىقىپ كېتىدۇ.
 
10. 8 ئاينىڭ ئىچىدىكى بوۋاقلارغا ئەڭ ياخشىسى كىچىك كارىۋاتلىق ئىتتىرىدىغان ھارۋىنى تاللاش لازىم: بوۋاقنىڭ سۆڭىكى يۇمشاق بولغانلىقتىن، يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان ھارۋىنى تاللىسا ئومۇرتقا غەيرىي ئۆسۈپ قالىدۇ.
11.بالىلار قىزىپ قالغاندا شېكەرنى ئاز بېرىش كېرەك. قىزىغاندا شېكەرنى كۆپ يېسە بەدەندىكى كۆپلىگەن ۋىتامېن خوراپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەينى ئازايتىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

مەنبە: توغراق تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى