ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

ۋاقتى: 2016-10-20 ئاۋاتلىقى: 747 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ.
ئائىلە ــــ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ. دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ. 



ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا، ئەقلى ئويغىنىشقا، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. 
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. 
شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. 
ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. 
ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ. چۈنكى، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيەسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. 
مىلتوب: «سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ.» دېگەنىدى.
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار: «ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيەلەتكۈزسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز.» 
گېئورگې خېربېرت: «بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ.» دېگەنىدى. 
ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. 
تۇرسى: «مەيلى سىز قانچە ئۇزاق ياشاڭ، تۇنجى 20 يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ.» دېگەنىدى. 
فرانسىيەنىڭ: «ئاياللار بولمىسا، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.» دېگەن ماقالى بار. 
بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن. 
ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ. 
ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ. ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيەسىگە  ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ. 
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيەسىگە باغلىق بولسا، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك. 
ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيەلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

مەنبە : «ئەخلاق پەزىلەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى