بوۋاقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلار تېزىملىكى(1)
يانفوندا كۆرۈش
كۆپ ئىقتىدارلىق ئويۇنچۇق تاختىسى: نۇرغۇن بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق ئويۇنچۇق تاختىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئويۇنچۇق تاختىسىنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن ئايلىنالايدىغان ئويۇنچۇقلار بولۇپ، بوۋاقنىڭ قولى بىلەن كۆزىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى چېنىقتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنىڭ شەيئىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ، سانجىيدىغان، بۇرايدىغان، سىقىدىغان، پۇلاڭلىتىدىغان، ئاتىدىغان، شۇنداقلا ئىچىنى ئېچىپ ئالىدىغان ئويۇنچۇقلارغا باشقىچە قىزىقىدۇ.
لاتا قونچاق ياكى ھايۋاناتلار شەكلىدىكى ئويۇنچۇقلار: بۇ ياشقا كەلگەن بوۋاقلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر تال ئويۇنچۇقى ياكى ئويۇنچۇق سالىدىغان خالتىسى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان نەرسىسىنڭ ئورنىدا يېنىدا ئېلىپلا يۈرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلارنىڭ بىرەر تال كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان نەرسىسىنىڭ بولۇشىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن، چۈنكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ناتونۇش ياكى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا بۇنداق ئويۇنچۇقلار ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ. لېكىن شۇنىڭىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يىپەك لىنتىسى، سۇلياۋ كۆزى قاتارلىق بالىلار ئۈزىۋېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالىدىغان نەرسىلىرى بولغان ئويۇنچۇقلارنى تاللىماسلىق كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا بەك چوڭ قونچاقلارنىمۇ تاللىماسلىق كېرەك، چۈنكى قونچاق بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بوۋاقلار قولىغا ئېلىپ ئىنچىكە كۆزىتەلمەيدۇ-دە، ئۇنى كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئويۇنچۇقى قىلالمايدۇ.