ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە توشقان كالپۇك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
بالىلاردا توشقان كالپۇك كېسەللكىنڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خىزمەت ۋە تۇرمۇش بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش، غىزالىنىش تەرتىپلىك، كەيپىيات تۇراقلىق بولۇش، زۇكامنىڭ، قىزىتمىنىڭ، ۋىروسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقلىنىش، خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىك، يۇپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئامالنىڭ بارىچە زۇكامدىن بولىدىغان قىزىشتىن ساقلىنىش
قىزىتما بولسا بالىلاردىكى غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئاساسلىق سەۋەب، تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى، داۋاملىشىش ۋاقىتى قانچە ئۇزۇن بولسا غەيرىيلىك شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، قىزىغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم، قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا ئامىللارنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىش، مەسىلەن: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىزمەت قىلىشتىن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.