ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلار تېزىملىكى(2)

بوۋاقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلار تېزىملىكى(2)

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 822 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توپ: ئاساسەن ھەممە ياشتىكى بالىلار توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەڭگىل بولغان لاتا توپلار 6~9 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ. سىز بوۋىقىڭىز بىلەن بىللە پولنىڭ ئۈستىدە دۈم يېتىپ، توپنى ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا دومىلىتىپ ئوينىسىڭىز بولىدۇ، بوۋاق ئاززراق چوڭ بولغاندا توپنى يىراقراق يەرگە ئېتىپ بېرىپ، بوۋاقنى ئۆمىلەپ بېرىپ ئەكىلىشكە ئۈندىسىڭىز بولىدۇ.


ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان بويۇملار: سىز ئاشخانا ئۆيىڭىزنىڭ ئىشكاپلىرىنى ئاختۇرسىڭىزلا، بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاپالايسىز. بىر تال ياغاچ قوشۇق ياكى سۇلياۋ قاچىنىمۇ بالىڭىز ياخشى كۆرۈپ ئوينايدۇ. تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئىشكاپلارنى ئېچىپ قويسىڭىز بالىڭىز ئىچىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ، يېنىڭىزدا خوشال ئوينايدۇ. ئەمما بالىنىڭ پىچاق ياكى ۋىلكا قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
تىزما ياغاچ ئويۇنچۇقلار: كۇبىك ياغاچلاردىن ئۆزىڭىز ئاۋۋال بىر شەكىل قۇراشتۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن بۇزۇۋېتىپ قېپىغا سېلىۋېتىڭ ھەمدە قايتىدىن تۆكۈپ بېرىڭ، بالىڭىز سىزنىڭ شەكىل قۇراشتۇرۇش ھەرىكىتىڭىزنى كۆزىتىپ، ئاستا-ئاستا قانداق ئويناشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇ ياشتىكى بوۋاقلار شەكىل قۇراشتۇرۇپ ئويناشنى ۋە نەرسىلەرنى قاپقا سېلىپ ۋە قايتىدىن تۆكۈپ ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.



يۆتكىگىلى بولىدىغان ئويۇنچۇقلار: بوۋاقلارنىڭ ئۆمىلەشنى ئۆگىنىشى ۋە ھەر تەرەپكە ھەرىكەت قىلالىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلالايدىغان ئويۇنچۇقلارغا بولغان قىزىقىشى ئاشىدۇ. بوۋىقىڭىزغا ئىتتىرىدىغان ياكى تىزگىنەك بىلەن باشقۇرىدىغان كىچىك ماشىنا ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
كىتاب: بۇ مەزگىلدە، مەيلى بوۋاقلار بولسۇن ياكى ئاتا-ئانىلار بولسۇن، ئۇلار كىتاب ئوقۇشقا بىر-بىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ. رەخت تاشلىق كىتابلار ۋە قاتتىق تاشلىق كىتابلار بۇ ياشتىكى بالىلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ. سىز كىتابنى بالىغا ئوقۇپ بېرىپ بولۇپ، كىتابنى ئۇنىڭغا بېرىپ، بالىنى كىتابنى سىزگە «ئوقۇپ» بېرىشكە ئۈندىسىڭىز بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى