ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(3)

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(3)

ۋاقتى: 2016-05-19 ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى
بوۋاقلار كاربون سۇ بىرىكمىلىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بالا ئېمىتكەندە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ يېرىمى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىندىن كېلىدۇ. بوۋاقلار يېمەكلىكتىن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قوبۇل قىلمىغاندا، ئاسانلا كېتون كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بوۋاقلار كراخمالدىن باشقا ساخارىدلارنى( لاكتوزا، گلۇكوزا، ساخاروزا) ياخشى ھەزىم قىلالايدۇ. لاكتوزا ئىنزىمى (乳糖酶)نىڭ ئاكتىپچانلىقى بوۋاقلارنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولغاچقا، سۈت تەركىبىدىكى لاكتوزىنىڭ سۈمۈرلۈشى ياخشى بولىدۇ. تۆت ئايلار بولغان بوۋاقلار كراخماللىق يېمەكلىكلەرنى ئاسان ھەزىم قىلالايدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ %50~55نى ئىگىلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ.


2. مىنېرال ماددىلار
تۆت ئايلىقتىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا ناترىينى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك، بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ بولغاندا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغاندا بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تاناسىپ تۈزىدۇ. بىر ئايلىق بولغاندىكى بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 4~6 ئايلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بوۋاقنىڭ سۆڭەك ۋە چىشىنىڭ يېتىلىشى شۇنداقلا قان مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كالتىسىي ۋە تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ، كالتىسىينىڭ تولۇقلاش مىقدارى كۈنىگە 300~400 مىللىگرام، تۆمۈرنىڭ تولۇقلاش مىقدارى كۈنىگە 0.3~10 مىللىگرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتىسىي مىقدارى ھەمىشە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاققا مەخسۇس كالتىسىي تولۇقلايدىغان دورىلارنى بېرىش كېرەك. ئانا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، تۆمۈر مىقدارى مول بولغان تۇخۇم سېرىقى، جىگەر، كۆكتات بوتقىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. ئانا سۈتىدىن باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىغان بوۋاقلارغا مۇۋاپىق ھالدا تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى