11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئويۇن ئويناش ئالاھىدىلىكى
ۋاقتى: 2014-02-15
ئاۋاتلىقى: 543 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
11 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا خېلىلا ئاشىدۇ. بەزى بوۋاقلار بىرەر نەرسىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرالايدۇ، بەزىلىرى بىرەر نەرسىگە تايىنىپ ماڭالايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ھېچنىمىگە تايانمايمۇ ئورنىدىن تۇرالايدۇ. قول ھەرىكەتلىرىمۇ ئىنتايىن ئەركىن بولىدۇ، كەيپىياتىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپلىرىنى خېلى چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئويۇنچۇقلار ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلىش كېرەك، يەنى ئۇلارنىڭ پۇۇت-قوللىرى شۇنداقلا پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار كۆپرەك ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينىشى كېرەك.