ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىچىك بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

كىچىك بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-02-24 ئاۋاتلىقى: 526 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھازىرغا قەدەر ئېىنق ئەمەس، بەلكىم تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
1. كېسەل بوۋاقنىڭ ئاپىسى . ھامىلىدار مەزگىلى ياكى تۇغۇت مەزگىلىدە بىر قەدەر كۆپ ئەگەشمە كېسەللىك يۈز بېرىش، دائىم كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش تارىخى بولىدۇ.
2. ئىرسىي ئامىللار:  مەسىلەن، كېسەلنىڭ بىر قورساق قېرىنداشلىرى، ئاتىسى قاتارلىقلاردا ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. قوش كېزەكلەر ئىچىدە تاق تۇخۇم قوش ئىسپېرمىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى %51-%64 كە يېتىدۇ. تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەن، جەمىئىيەتتىن بىزار بولۇشى كېسىلى(反社会人格)، ئىستېرىيە كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار(癔症者) بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.


3. نېرۋا پۈۋەكچىلىرى، ئېنزىملارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆز ئارا قارشى بولسىمۇ، بۇ خىل كېسەللىكنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4. ئېغىر دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك مېڭە كېسىلى، ھاڭۋاقتىلىق قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، بىراق يېنىك دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش جىم تۇرالماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق دېگەن مەسىلە تېخى ھازىرغىچە ئايدىڭ ئەمەس.
5. جەمئىيەت، ئائىلە، پىسخىكا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى. ياخشى بولمىغان جەمئىيەت ياكى ئائىلە مۇھىتى ‹ئائىلە ۋەيران بولۇش، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق، تورالغۇ ئۆي قىستاڭچىلىقى، ئاتا-ئانىنىڭ مىجەزى، ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، روھى كېسەل قاتارلىقلار› قاتارلىق ئامىللار كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى، تەرەققىياتى، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى   بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
6. باشقا ئامىللار: ئوزۇقلۇق مەسىلىسى، ۋېتامىن كەملىك، يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىش، يېمەكلىك تېتىقۇلىرى ياكى سۈنئىي رەڭ كىرگۈزگۈچ  قاتارلىقلار بالىلاردا ئاسانلا جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى