ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى خىل ئويۇنچۇقلار 11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ؟

قايسى خىل ئويۇنچۇقلار 11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-04-19 ئاۋاتلىقى: 765 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇمشاق ماتىرىياللىق، يەنى رىزىنكە، سۇلياۋدىن ياسالغان، ئاسان تۇتقىلى بولىدىغان ھەرخىل توپلار، ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلار، سىيرىلغۇچ، سوقۇشۇش ماشىنىسى، كىچىك ماشىنا قاتارلىق سۆرەپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار، ئويۇنچۇق تېلىفۇن، كىچىك كسىلوفۇن، كىچىك دۇمباق، كىچىك مىتال قازان ۋە قاچىلار، سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان رىزىنكە قونچاقلار، بوۋاقلار ئاسان يىرتىۋىتەلمەيدىغان كىتاب قاتارلىقلار.
ھايۋانات شەكىللىك ئويۇنچۇقلار، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ھەرخىل توپلار، تېگى چوڭ ۋە ئېغىرراق، ئەمما بوۋاقلار ئىتتىرىپ يېقىتالايدىغان يەللىك قونچاقلار، تارتىپ ماڭغاندا ئاۋاز چىقىرىدىغان ياكى دوراپ ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلار، يەنە چوڭ قونچاق، «بابى مەلىكە» قونچاقلىرى، كىچىك ماشىنىلار، سۇلياۋ قۇتا، سۇلياۋ قاچىلار ۋە ۋارونكا قاتارلىقلار بار.


ھەرخىل رەڭلىك بوياقلار، ئاددىي رەسىم جۈپلەش ئويۇنلىرى، ئاددىي قۇرۇلۇش مودىللىرى، كونا ژۇرنال ، سېۋەت، ياپقۇچى بار قاچا-قۇچىلار، ھەرىكەت قىلالايدىغان ئويۇنچۇقلار، مەسىلەن كىچىك پويىز، كىچىك يۈك ماشىنىسى، ئەمگەك سايمانلىرى ۋە ئاشخانا سايمانلىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى ياشاچ قونچاقلار، بوۋاقلار قۇچاقلاپ ئويناشقا ئەپلەك بولغان ھايۋانات شەكىللىك ياكى ئادەم شەكىلللىك قونچاقلار.
بوۋاقلار ئاسان كىرىشىدىغان ئويۇنچۇقلار، مەسىلەن، بىر يۈرۈش ئاشخانا سايمانلىرىغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى ئويۇنچۇقلار، ئۇلارنى سالىدىغان كىچىك ئىدىش، سېۋەت، يەشىك قاتارلىق نەرسىلەر. بوۋاقلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۇنىڭغا سېلىپ ئېلىپ ئوينايدۇ. ياكى بوۋاقلارغا ئاغزىنى ياپقىلى بولىدىغان كىچىك قاپ، بوتۇلكىلارنى بەرگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئېتىپ ئوينايدۇ.
ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇقلار: بوۋاقلار بۇلارنى ئۆزى چۇۋۇپ، يەنە ئۆزى ئۈستى-ئۈستىگە دەستىلەپ ئوينايدۇ، تەرتىپ بويىچە قىلالمىسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ساپما ھالقىلارنى بېلىكىگە سېلىپ ئويناشقا ئۈندىسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئويۇنمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن مەشىق ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى