ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى داۋالاش ئۇسۇلى

بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى داۋالاش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-02-13 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى داۋالاش ئۆلچەنگەن قاندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشكە ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى داۋالاشنىڭ ئاساسى پرىنسىپى: ئالدىنى ئېلىش ئاساس، مەيلى قايسى دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش بولسۇن، ئالدى بىلەن غىزالىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، مۇھىتنى ياخشىلاش، دائىم قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىش، يۇقىرى قوغۇشۇنلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش،  غىزالىنىش ئادىتىنى تەڭشەش كېرەك.


يېنىك ۋە ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشكە نىسبەتەن مۇھىت دەخلىسىنى ئاساس قىلىش، دائىم قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىش، قوغۇشۇندىن بۇلغانغان مۇھىتتىن ئايرىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا كالتىسىي، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ئېلېمېنتلار، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاش، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
ئېغىر ۋە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشكە نىسبەتەن، قوغۇشۇن ھەيدەش دورىلىرىنى مەسىلەن: ئىتا كىسلاتا ناترى كالىتسىد(依地酸二钠钙) (CaNa2EDTA)  دىمېر كاپرول كېسلاتاسى (二巯基丁二酸)(DMSA)، دىمېر كاپرول (BAL)( 二巯基丙醇) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى چوڭ، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىقلارغا تەسىرى زور، يەنە مىنېرال ماددىلار ۋە ئېلېمېنتلار، ئېلېكتىرولىدلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ دورىلارنى دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش، جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى، ئېلېكتروكاردىئوگرامما(心电图) ، ئېلېكترولىدلار ۋە مىنېرال ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، سۇ ئېلېكترولىدلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋاقتىدا ئوڭشاش، كالتىسىي، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددا ۋە ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى