بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى غىزالىنىش ۋە ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش
يانفوندا كۆرۈش
ساغلاملىق ئاسراش تىپىدىكى قوغۇشۇن ھەيدەش يېمەكلىكلىرى ۋە ئوزۇقلۇق دورىلار:
كەسپىي، قاراتمىلىق ساغلاملىق قوغۇشۇن ھەيدەيدىغان ساغلاملىق ئاسراش يېمەكلىكلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا مەيدانغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى يېمەكلىك ياكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدىن ئايرىۋېلىنغان ئاممۇنىي كىسلاتا، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە ئېلېمېنتلار، مېۋە يېلىمى، تالا قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ رولى قوغۇشۇننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسۇش، توقۇلما تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ ئالمىشىشى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق قوغۇشۇننى ھەيدەش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ. سىنىك تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار قوغۇشۇنغا ئوخشاشلا ئىككى ۋالېنتلىق بولۇپ سۈمۈرۈلۈش جەريانىدا ئۆز ئارا ئاۋېرسىيە(拮抗) ۋە ئۆز-ئارا چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن چاغدا دائىم بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر قىسىم مىنېرال ياسالما دورىلارنىمۇ قوغۇشۇننى ھەيدەپ داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
دىققەت: نۆۋەتتە جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، ئېھتىيات قىلىش لازىم.