ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(5)

بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(5)

ۋاقتى: 2016-10-23 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ۋېتامىن B2 ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئېغىزنىڭ ئىككى گىرۋىكىدە سۈترەڭ شەلۋەر پەيدا بولىدۇ، ئېغىز يېرىلىپ، ئېغىزنى ئاچقاندا قان چىقىدۇ، شۇنداقلا ئاغرىپ كۆيۈشكەندەك بولىدۇ، گال ئاغرىيدۇ، قۇرغاقلىشىپ بىئارام بولىدۇ. بۇرۇن، ئېغىز، پىشانە، قۇلاقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرە قاسراقسىمان بولۇپ قالىدۇ، ئاپتاپقا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن B2 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كۈزلۈك يېسىۋىلەك، چېچەكسەي، پالەك، كەرەپشە، سەۋزە، ئالما، ئاپلىسىن، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى، سۈت، تۇخۇم، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، ماش، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.

 


2. ۋېتامىن B6
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: قان شېكىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىز گىرۋىكى يېرىلىدۇ، كۆز ئەتراپىنىڭ تېرىسى ياللۇغلىنىدۇ، پۇت-قوللار ئويۇشۇپ، مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدۇ، ئىنكاسى ئاستىلاپ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن B6 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، توخۇ گۆشى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم سېرىقى، بېلىق، راك، خاسىڭ، دادۇر، بەرەڭگە قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى