ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ زىيىنى

جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ زىيىنى

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 560 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 يېنىك دەرىجىدىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىدا پەقەت ئۆگىنىشكە كىرىشەلمەسلىك، ئۆزى كۈچىگە تايىنىپ ئۆگىنەلمەسلىك، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەش، ئىش ھەرىكىتىدە ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق، باشقۇرۇشقا بويسۇنماسلىق، باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . ئېغىر دەرىجىدىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش، باشقىلارغا يېتىشەلمەسلىك، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ناھايىتى تەستە تاماملاش، ئىش-ھەرىكىتى جەھەتتە ئاسان جېدەل چىقىرىش، باشقىلارغا كاشىلا قىلىش، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن ئاسانلا يامان تەسىرنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ ئاسانلا جېدەل چىقىرىش، ئوغۇرلۇق قىلىش ھەتتا جىنايەت يولىغا مېڭىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


2› ئائىلىگە بولغان زىيىنى:
  جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىنىڭ ئۆگنىش نەتىجىسى ناچار بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش، دەرس ئىنتىزامىنى قالايمىقان قىلىش، دەرستىن قېچىش سەۋەبىدىن دائىم سىنىپ مەسئۇلى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ ئائىلە باشلىقىنى ھەم خىجىل قىلىدۇ ھەم ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىنى ئەيىبلەش، ئۇرۇش قاتارلىق تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، بىر قىسىم ئائىلە شارائىتى ياخشىلار ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇلىنى سەرپ قىلىدۇ. بەزى بالىلاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىش، ئۆچمەنلىك ساقلاش قاتارلىق پىسخىكىلار پەيدا بولۇپ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3› مەكتەپكە بولغان زىيىنى: جىم تۇرالماسلىق كېسىلى  بار بالا مەكتەپتە دائىم دەرسخانا ئىنتىزامىنى قالايمىقان قىلىدۇ، ئۇرۇش جېدەل چىقىرىدۇ، ئوغرىلىق قىلىدۇ، ئۆگنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى زور زېھنى كۈچ سەرپ قىلسىمۇ ئۈنۈمسىز بولىدۇ. ئەگەر بىر سىنىپتا بۇنداق بالىلاردىن  بىر نەچچىسى بولسا سىنىپنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم ئوقۇتقۇچىنى جىلە قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ دائىم سىنىپ قالدۇرۋېتىشنى، ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدەشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.



4› جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى:
  جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالا ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئاق-قارىنى ئايرىماسلىق، پەقەت ھۇزۇر ئېلىشنىلا كۆزلەش سەۋەبلىك جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، كۆپ قېتىم تەربىيە ئىشلەنسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى