ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

بالىلاردىكى پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 799 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.  مەددە قۇرت:
 لىچىنكىنىڭ يۆتكىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەتلەر:  مەددە قۇرت لىچىنكىسى ئۆپكىگە بېرىپ كانايچىلارنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆپكە مەددە قۇرت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىك ئىپادىسى بولسا يۆتىلىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، قان تۈكۈرۈش، كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىنىڭ سانى ئارتىش  قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئۆزىدە روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. X نۇرى رېنتىگىدا تارتىلغان سۈرەتتە ئۆپكىدە دانچە شەكىللىك، ياپىلاق شەكىللىك ياكى توزغاق شەكىللىك كۆلەڭگە كۆرۈلىدۇ، كېسەل ئوچىقى ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ تاكى تىزلا غايىب بولىدۇ. بۇ كېسەل يەنە لىچىنكىلىق ئۆپكە ياللۇغى ياكى مەددە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرە خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى LOEFFLER يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى.  كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە 1-2 ھەپتىدە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان چاغدا لىچىنكا مېڭە، جىگەر، تال، بۆرەك، قالقانبەز ۋە كۆز قاتارلىقلاردا تۇتقاقلىق، جىگەر يوغىناپ قېلىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2. يېتىلگەن مەددە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەتلەر: يېتىلگەن مەددە قۇرت ئاچچىق ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ يېرىم ھەزىم بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ياشايدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامىتى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى كۆپ تاماق يېيىش ئاسان قورسىقى ئېچىش، غەيرى ماددىلارنى يېيىش قاتارلىقلار. كىندىكنىڭ ئەتراپى دائىم ئاغرىيدۇ، ئۇۋۇلىغاندا بىرئاز ياخشى بولۇپ قالىدۇ، بەك قاتتىق ئاغرىمايدۇ.بىر قىسىم بىمارلاردا ئاسان ئاچچىقلىنىش، روھى چۈشكۈنلۈك، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. مەددە قۇرت گەۋدىسىنىڭ غەيرى مەنبەلىك ئاقسىلى بەدەندە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغانلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.



3. ئەگەشمە كېسەللىكلەر: مەددە قۇرتنىڭ تۆشۈك ئاچىدىغان ئادىتى بار، ئادەم بەدىنىدە بىئارام بولۇش‹قىزىش، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكى قاتارلىقلار› كۆرۈلىدۇ، ياكى كۆپ مىقداردا ئاچچىق نەرسە يېيىش سەۋەبلىك مەددە قۇرت ئۈچەي يولىغا ئۇلىنىدىغان باشقا نەيچىلەرگە كىرىۋالىدۇ، ئۆت يولىغا مەددە قۇرت كىرىۋېلىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن يەنە يەنە مەددە قۇرت خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى توسۇلۇشنى، مەددە قۇرت خاراكتېرلىك كانايچە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تۇنجۇقۇپ قېلىش سەۋەبلىك ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، سوقۇر ئۈچەي يولىغا كىرىۋېلىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى