ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺰ ـ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھەققىدە

ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺰ ـ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-01-12 ئاۋاتلىقى: 643 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىسلام دىنى قىزــ ئوغۇللارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بولمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ رايىنى ۋە ئىختىيارىنى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلىرىدىن قىلىپ بېكىتتى. ئايال كىشىلەرنى مەيلى ئۇلار قىز بولسۇن، مەيلى چوكان بولسۇن ھېچبىر ۋاقىتتا ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”چوكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار“ ساھابىلار يا رەسۇلەللاھ! قىزلار ئۇياتچان كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز رايىنى سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”قارىشلىق بىلدۇرمەستىن سۈكۈت قىلىپ تورۇشى ئۇلارنىڭ ئىختىيار قىلىپ رازى بولغانلىقىدۇر“ دەيدۇ. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

 

يەنە بىر ھەدىستە: ”چوكان ئۆزىنىڭ توي ئىشىدا ئەركىندۇر. قىزنىڭ رايىنى سوراش لازىم. ئۇنىڭ رازىلىق بىلدۇرگىنى جىم تورغانلىقىدۇر“ دېيىلگەن. (مۇسىلىم رىۋايىتى) بۇ ھەدىستىن شۇ مەنا چىقىدۇكى، چوكان ئۆزىنىڭ توي ئىشىنى ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋە باشقا ئىگە چاقىلىرى قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزى يالغۇز بېجىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما قىز ئۆزىنىڭ تويىنى ئۆزى قىلالمايدۇ. بەلكى ئاتا ـ ئانىسى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. لېكىن ئاتا ـ ئانىلار قىز ـ ئوغۇللىرىنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلىيالمايدۇ. قىزنىڭ رايى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلىرىدىندۇر. ئەگەر ئاتا ـ ئانىلار بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇلار قىزـ ئوغۇللىرنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئەمما قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز بىرىگە ياتلىق بولىمەن دەپ تورىۋالسا، شۇنىڭدەك ئوغۇلمۇ ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز بىرىنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالسا، بۇ ۋاقىتتا ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقالايدۇ ۋە بۇ ئىشنى رەت قىلالايدۇ. ئەگەر قىز كىچىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى تاللىيالمايدىغان ياشتا بولسا، ئاتا ـ ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆزلىرى خالىغان يەرگە ياتلىق قىلىدۇ.


 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە، بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر رىۋايەت سابىت بولغان: ”خەنسا ئىسىملىك بىر چوكان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ـ ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتام مېنى تاغامنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلدى. ھالبۇكى، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن ــ دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ”خالىسىڭىز ئاتىڭىزنىڭ بۇ تەسەررۇپىنى قوبۇل قىلىڭ، خالىسىڭىز ئۇنى رەت قىلىڭ ــ دەيدۇ. خەنسا ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتامنىڭ بۇ ئىشىغا مېنىڭ ھېچ رىغبىتىم يوق ــ دېگەندە، ـ ئانداقتا بۇ نىكاھ توغرا ئەمەس، سىز كېتىپ، ئۆزىڭىز خالىغان بىرسىگە ياتلىق بولۇڭ ـ دەيدۇ پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام. بۇ ۋاقىتتا خەنسا، ــ بولدى، مەن ئاتامنىڭ بۇ رىغبىتىنى يۈرگۈزىمەن. ئەمما مەن سىزدىن بۇ مەسىلىنى سوراشتا، ئاتىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ توي ئىشلىرىدا ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشقا زورلاش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۇرمەكچى ئىدىم ــ دەيدۇ.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)

 

ئەسكەرتىش: بۇ بىز چوقۇم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە بولغاچقا بۇ يەرگە يوللاندى، ھازىرقى ياشلار ئارىسىدىكى كوچا-كويلاردا، پىنھان جايلاردا  سۆرۈشۈپ يۈرۈشنى بۇ بايان بىلەن پەردازلاشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى