ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىكىنىڭ 3 چوڭ سىگنالى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىكىنىڭ 3 چوڭ سىگنالى

ۋاقتى: 2015-10-02 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغما خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىك
ئىپادىسى: بالا ھەر قېتىم ئاغرىغاندا بىر قەدەر قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. سېپتىتسېمىيە ‹قان چىرىش كېسەللىكى، قان چىرىش كېسەللىكى، يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە قاتارلىقلارغا گېرىپتار بولغان بولىدۇ، ئېرسىيەت تارىخى بولىدۇ. كېسەللىك ھالىتىگە تەۋە بولۇپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.
داۋالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: تېببىي ساھەدە ئىممۇنىتېت كەملىك دەپ ئاتىلىدۇ. تۇغما خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش كۆپىنچە ئېرسىيەت خاراكتېرلىك بولغاچقا، كېيىنكى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تۇغما خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى داۋالاش كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە داۋالاش بىر قەدەر قېيىن، ئۇزۇن مەزگىل داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.


كېيىن كېلىپ چىققان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش
 ئىپادىسى: ياللۇغلىنىش، دورا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ كېسەللىك ھالىتىگە تەۋە بولۇپ داۋالاشقا مۇھتاج.



داۋالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كېسەللىك ئوچىقى، باكتېرىيە قاتارلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاش ياكى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشنى توختىتىش لازىم. كېسەللىك ئالامىتىنى ئاساس قىلىپ قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش خەۋپى بار. مەسىلەن، تۇغما يۈرەك كېسىلى. يۈرەكتىكى بىنورمال ئورۇنلارنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ قايتا-قايتا ياللۇغلىنىش ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىن. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇ ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۆپىنچە ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ.
فزولوگىيەلىك ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش
  ئىپادىسى: يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغلىنىش، مەسىلەن زۇكام قاتارلىقلار. ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى، سېپتىتسېمىيە قاتارلىقلار ئېغىر ياللۇغلىنىشلارنى كۆرسەتمەيدۇ. ھاۋا ئۆزگىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. داۋالاش ھاجەتسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى