ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نورمال بالا بىلەن جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

نورمال بالا بىلەن جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 733 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1، نورمال، ھەرىكەتچانلىقى ياخشى بولغان بالا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ، ئۆزى قىزىققان ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلالايدۇ، بىراق جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالا بۇنداق قىلالمايدۇ.
2.  نورمال بالىنىڭ ئىپادىسى چېچىلاڭغۇ كۆرۈنسىمۇ، مەسىلەن، دەرس ۋاقتىدا ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش قاتارلىق ئادەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ، بىراق جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالا ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.


3.  نورمال بالىنى تېز، قايتىلانما ۋە ئايلانما ھەرىكەت قىلدۇرغان چاغدا ئىپادىسى تەبئىي بولىدۇ، جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بار بولغان بالىنىڭ ھەرىكىتى بىر خىل كالامپاي چىقىدۇ.
مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلىغۇچ نورمال بالىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بار بولغان بالىنى بولسا تىنچلاندۇرىدۇ، ھەرىكىتىنى ئازايتىدۇ، دىققىتىنى نىسپى ھالەتتە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئەكسىچە ئۇلارغا تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىچكۈزگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا گۇمانلىق دەپ قارالغان بالىلارغا ئازراق قەھۋە ياكى قېنىق چاي ئىچكۈزۈپ بالىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىپ بېقىش، بالىدا كۆرۈنەرلىك ئىنكاس بولمىغان ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇنداق بولمىغاندا بالىغا ناچار تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بالىغا: سەن جىم تۇرالماسلىق كېسلى، ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش ئەكسىچە بالىنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ، ۋە روھى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى