ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(2)

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(2)

ۋاقتى: 2015-11-20 ئاۋاتلىقى: 895 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش--- ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش
بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش بولسا تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم چارە. مەسىلەن، كالمېت ۋاكسىنىسى ئارقىلىق تۇبىركىلىيۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇلۇن-سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئارقىلىق يۇلۇن-سۈر ماددا كېسىلى(小儿麻痹症)نىڭ ئالدىنى ئېلىش، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش لازىم.


تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى--- يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ رىتىملىق تۇرمۇش ئادىتى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىشى لازىم. ئۆسۈپ-يېتىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار كۈندە يېتەرلىك ئۇخلاشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بالىڭىزنىڭ كېچىدىكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، كۈندۈزدە كۆپرەك ئۇخلىتىڭ. ھەپتە ئاخىرلىرىدا بالىڭىزنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلسىڭىز بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.



ئىلمىي غىزالىنىش--- بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
بالىلاردىكى تاماق تاللاش، ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۆش، تۇخۇم، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك بېرىش، مايدا قورۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، ئىسلانغان كاۋاپ، مايدىن پىشۇرۇلغان قۇيماق قاتارلىقلارنى ئاز يېگۈزۈش ياكى يېگۈزمەسلىك، زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى