ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(1)

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(1)

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلى بار:
1.  بىلىش قابىلىيىتىنى  داۋالاش: ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، تەرسالىق، باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىقلارنى كونترول قىلىشقا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك.
دورا ئارقىلىق داۋالاش: مەركىزى نېرۋىنى ئويغاتقۇچى دورىلار-لىتالىن(利它林)، دېكستروئامفېتامىن(右旋苯丙胺)، مېتىل فېنىل ئالانىن(甲基苯丙胺)، پېمولىن(匹莫林) قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۈنۈمى ياخشى دورا-ئەسەبىيلىشىشكە قارشى تۇرغۇچى دورا‹ بىڭمىچىن(丙米嗪)، لۈيبىڭمىچىن(氯丙咪嗪)، ئامىتىلىن(阿米替林)› ، ئاز مىقداردىن بارا-بارا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈملۈك مىقدارغا يەتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.


  بۇ كېسەلنى داۋالايدىغان دورىلارنى: مەركىزى نېرۋا ئويغاتقۇچى تىپتىكى، ئەسەبىيلىشىشكە قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى، روھى كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى، تۇتقاقلىققا قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە مەركىزى نېرۋىنى ئويغاتقۇچى تىپتىكى دورىلاردىن: پەيسۇ جىياجى(哌醋甲酯)، دېكستروئامفېتامىن(右旋苯丙胺) قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ دورىلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:



1.  پەيسۇجىياجى‹Methylphenidate›(哌醋甲酯)، يەنى لىتالىن‹ Ritalin › نۆۋەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا. ھەر قېتىملىق ئىشلىتىلىش مىقدارى 5-10 مىللىگرام، بىر كۈندە ئىككى ۋاق، ئەتىگەن ۋە چۈشتە يېيىلىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەچتە يېيىشكە بولمايدۇ، بىر كۈندە يېگەن دورىنىڭ مىقدارى 20 مىللىگرامدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇ دورا بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئوقۇش مەزگىلىدىلا ئىشلىتىش، دەم ئېلىش، تەتىل كۈنلىرىدە يېگۈزۈشنى توختىتىش لازىم. 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بۇ دورا ئاسانلىقچە دورىغا چىدامچانلىق پەيدا قىلمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى